ئۇيغۇر ئەيدىز پائالىيەتچىسى: ئەيدىزنىڭ بۇ قەدەر يامرىشىدا پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ جاۋابكارلىقى زور

ئەيدىزنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى بۇ يىل خەلقئارادا تۆۋەنلىدى ئەپسۇسكى خىتايدا شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدە بولسا ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى ھەققىدىكى سان كۆرسەتكۈچلىرى يەنىلا يۇقىرىلاپ بارماقتا.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2012.12.03
uyghur-eydiz-korsetkuch-305.jpg ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەيدىز نىسبىتى ستاتىستىكىسى. 2012-يىلى.
www.yarp.net.cn

خىتاي دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت كومىتېتى باشلىقى لى كېچياڭ 3-دېكابىر ئاخباراتقا خىتايدا ئەيدىزنىڭ بىر جىددىي ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى ۋە مۇشۇ ھالەتتە كېتىۋەرسە ئەيدىزنىڭ ۋابا خاراكتېرلىك زور ئىجتىمائىي كرىزىسقا ئايلىنىشى مۇمكىنلىكىنى، بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت، سەھىيە -داۋالاش ئورگانلىرىنىڭ فۇنكسىيىلىك رولى ۋە مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلدۇرۇشتىن باشقا يەنە ئەيدىزگە قارشى تۇرۇشتا ئەل ئىچى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورنىنى ھېچ نېمە باسالمايدىغانلىقىنى جىددىي ئەسكەرتتى.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىردىن بىر ئەلئىچى تەشكىلات-«يارىپ» زەھەر چەكلەش ۋە ئەيدىزگە قارشى تۇرۇش مەسلىھەت سوراش، داۋالاش ئورنىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەخمەتجان قۇربان بولسا، ئەيدىزگە قارشى كۈرەشلىرىنىڭ نۇرغۇن توسقۇنلۇق ۋە بەدەل تۆلەش بىلەن داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ بۇ دەرىجىدە تېز ھەم كەڭرى يامرىشىدا پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ ئەڭ چوڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى بايان قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىزنىڭ ئەخمەتجان قۇربان بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتى دىققىتىڭلاردا بولسۇن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.