ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋاپاتىنىڭ 14 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

مەركىزى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىگە جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ، 2009 ‏ - يىلى 29 ‏ - يانۋار پەيشەنبە كۈنى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ بايراقدارى دەپ تونۇلغان مەرھۇم ئەيسا يۇمۇپ ئالپتېكىننىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 14 ‏ - يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ
2009-01-30
Share
Eysa-Aliptekin-xatire-305 2009 ‏ - ﻳﯩﻠﻰ 29 ‏ - ﻳﺎﻧﯟﺍﺭ ﭘﻪﻳﺸﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺩﺍﯞﺍﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﺮﺍﻗﺪﺍﺭﻯ ﺩﻩﭖ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﻳﯘﻣﯘﭖ ﺋﺎﻟﭙﺘﯧﻜﯩﻨﻨﯩﯔ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 14 ‏ - ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Arslan

مۇراسىم شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇراسىمغا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى، قازاق تۈركلەر ۋەخپى قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ‏ - قازاقلاردىن بولۇپ 150 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

مۇراسىمغا يەنە ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى مۇستافا ئاقتاش ئەپەندى، كۆپ ساندا مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ دوستلىرى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان شەخسلەر، يازغۇچىلار، ئىلمىي تەتقىقاتچىلارمۇ ئىشتىراك قىلدى.

مۇراسىمغا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ‏ - ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتۇر ئابدۇقادىر دونۇك ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇراسىم مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنگە ۋە تۈرك دۇنياسى شېھىدلىرىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئۈچۈن بىر مىنۇتلۇق سۈكۈتتە تۇرۇش بىلەن باشلاندى.

ئىستىقلال مارشى ئوقۇلغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى دوكتۇر ئەخمەت تۈركوز ئەپەندى ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى.

مۇراسىمدا، تۈركىيىنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى ۋە ھازىر ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان، پروفېسسور دوكتۇر نەۋزات يالچىنتاش ئەپەندى "ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن رەھبىرىي شەخس ئىدى" دېگەن تېمىدا، يازغۇچى سامى ياۋۇرجۇك ئەپەندى، "ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە شەرقىي تۈركىستان داۋاسى" دېگەن تېمىدا، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتچى خادىمى ئۆمەر قۇل ئەپەندى، "ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ بىلىنمىگەن تەرەپلىرى" دېگەن تېمىدا، مىمار سىنان گۈزەل ‏ - سەنئەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ‏ - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور گۈلشەن چاندارلىئوغلۇ خانىم، "ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ چەتئەل زىيارەتلىرى" دېگەن تېمىدا، مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ئوغلى ئارسلان ئالىپتېكىن "ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ خىزمەت پائالىيەتلىرى "دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

مۇراسىمدا يەنە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مىنىستىرى مۇستاپا سېيىت يازىجىئوغلى ۋە ئىستانبۇل تىجارەت مەركىزىنىڭ باشلىقى مۇرات يالچىنتاش ئەپەندىنىڭ ئەۋەتكەن تېلېگراممىلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

مۇراسىم ئاخىرلاشقاندا، شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئەخمەت تۈركوز مۇراسىمدا سۆز قىلغۇچىلارنى تەبرىكلەپ شەرەپ تاختىسى تەقدىم قىلدى. مۇراسىم كەچلىك تاماق زىياپىتىدىن كېيىن ئاخىرلاشتى.

بىز مۇراسىم ئاخىرلاشقاندا مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ئوغلى ئارسلان ئالىپتېكىن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت