سابىق پارلامېنت ئەزاسى راسىم جىنىسلى: تۈرك خەلقىنىڭ ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىنگە بولغان سۆيگۈسى شەرقىي تۈركىستانغا بولغان سۆيگۈ ئىدى

2011‏-يىلى 12‏-ئاينىڭ 18‏-كۈنى ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدىكى ئوقۇتقۇچىلار مېھمانخانىسىنىڭ زالىدا مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىقى خاتىرىلەندى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2011.12.22
rasim-jinisli-305.jpg سابىق پارلامېنت ئەزاسى راسىم جىنىسلى سۆز قىلماقتا. 2011-يىلى دېكابىر، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

بۇ يىغىنغا گېرمانىيە ۋە تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى مەرھۇمنىڭ يېقىنلىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشىلەر قاتناشتى. يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئاڭلاتقاندىن باشقا ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ سەپداشلىرى، يېنىدا ئىشلىگەن كىشىلەر ۋە بەزى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ھەققىدىكى ئۇنتۇلماس خاتىرىلىرىنى ئاڭلاتتى.

تۈركىيىنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى، مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپنىڭ يېقىن دوستى راسىم جىنسلى ئەپەندى مەرھۇم ئىسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ تۈركىيىگە قوشقان تۆھپىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
‏- ئۇ يىللاردا تۈركىيىدە ماركسىزم، كوممۇنىزمنىڭ يېيىلىش خەۋپى بار ئىدى. تۈرك خەلقى كوممۇنىست تۈزۈمىنىڭ بېسىمى ئاستىدا ياشاش خەۋپى ئاستىدا ئىدى. مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ھەر بارغان يېرىدە تۈرك خەلقىنى ئويغاتتى. مەسىلەن، چوڭ يىغىنلىرىمىزدا مىللىي كېيىمىنى كىيىپ بىزگە قاراپ تەجرىبە-ساۋاق ئېلىڭلار دەيتتى. ئۇ چاغدا تۈركىيىدە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تازا تەرەققىي قىلمىغان ئىدى. ئەمما تۈركىيىدىكى پۈتۈن رادىئو، تېلېۋىزىيىلەر ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ نۇتۇقلىرىغا يەر بېرەتتى. ئۇ يىگىرمە-ئوتتۇز مىڭ كىشى قاتناشقان چوڭ يىغىنلاردا مىللىي قىياپىتى بىلەن قولىغا كۆك بايراق ئالغان ھالدا شەرقىي تۈركىستاننى كوممۇنىست خىتايلارنىڭ قانداق بېسىۋالغانلىقىنى ئاڭلىتاتتى. كوممۇنىست تۈزۈمىنىڭ ئىنسانلىق قېلىپىدىن چىققان تۈزۈم ئىكەنلىكىنى تۈرك خەلقىگە ئاڭلىتاتتى. ئۇ ناتىق ئىدى. ئىنسانلارنى ئۆزىگە ئاسانلا جەلپ قىلالايدىغان بىر كىشى ئىدى. تۈرك خەلقى ئۇنى بەك ياخشى كۆرەتتى. ئۇ بىر تارىخچى ئىدى. ئىلىم ئادىمى ئىدى. ئىنقىلابچى ئىدى. سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدىكى كوممۇنىزمغا قارشى كۈرەشتە ئۇنىڭ قوشقان تۆھپىسى بەكلا چوڭ.

سابىق پارلامېنت ئەزاسى راسىم جىنىسلى ئەپەندى مەرھۇم ئەسا يۈسۈپ ئالپتېكىنگە بولغان سۆيگۈنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بولغان سۆيگۈ ئىكەنلىكىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى:
‏- مەن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن ئىزمىر ۋە ئەرزۇرۇمغا بىرلىكتە بارغان ئىدىم. ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئۇ يەرلەرگە بېرىشى بىلەن ئۇ يەرلەردە بايرام كەيپىياتى بولاتتى. بىر قېتىم ئەرزۇرۇمغا پويىز بىلەن بارغان ئىدۇق. چوڭ يىغىنغا بارغان ئىدۇق. ئەرزۇرۇم پويىز ئىستانسىسى ئىنسان بىلەن تولۇپ تاشتى. بىزنى ناغرا-سۇنايلار بىلەن كۈتۈۋالدى. قىلىچ ئويۇنلىرى، مىللىي ئۇسسۇل ئوينىغان مىڭلارچە كىشى ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننى كۈتۈۋالدى. مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن تۈركىيىنىڭ قەيىرىگە بارسا خۇددى بىر دۆلەتنىڭ باش مىنىستىرىنى كۈتۈۋالغاندەك كۈتۈۋالاتتى.

راسىم جىنىسلى ئەپەندى خەلق بۇنداق كۈتۈۋالغاندا مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ بەكلا خىجىل بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى مىسال بىلەن ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى:
ئون مىڭلارچە كىشى كۈتۈۋالغان بۇ مەنزىرىنى كۆرگەندە، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ يۈزى كىچىك بالىدەك قىزىرىپ كېتەتتى. ئەمما بەك خۇشال بولۇپ كېتەتتى. ئۇ ماڭا: راسىم ئەپەندى بۇ ئىنسانلار بىر دۆلەت باشلىقىنى كۈتۈۋالغىلى كەپتىمۇ دەپ سورىدى. مەن دەرھال: ھەئە دەپ جاۋاب بەردىم. كىمنى كۈتۈۋالغىلى كەپتۇ دەپ سورىدى. مەن، شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى‏ ئەيسا ئەپەندى ئەرزۇرۇمغا كەپتۇ، بۇ خەلق ئۇنى كۈتۈۋالغىلى كەپتۇ دەپ جاۋاب بەردىم. ئۇ خۇشاللىق ئىچىدە بىر ئاز خىجىل بولغاندەك قىلىپ ئىككى قولۇمنى تۇتۇپ ماڭا رەھمەت ئېيتتى. بىز ئەرزۇرۇمدىكى چوڭ مەيداندا چوڭ يىغىن ئاچتۇق. ئون مىڭلارچە ئادەم قاتناشتى. بۇ يىغىندا مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىدى.

18-دېكابىر كۈنى ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننى خاتىرىلەش يىغىنىدا ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ يېنىدا خىزمەت قىلغان ئۇيغۇرلاردىن ھامىد كۆكتۈرك ئۇنىڭ بىلەن بىللە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئەسلىمىلىرىنى سۆزلەپ بەردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.