ئۇيغۇرلار دەم ئېلىشقا چىققان گېنېرال مەھمەت رىزا بېكىنگە ئاللاھتىن شىپالىق تىلىمەكتە

تۈركىيە شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى باشلىقى، دەم ئېلىشقا چىققان گېنېرال مەھمەت رىزا بېكىننىڭ 2 يىلدىن بۇيان سالامەتلىكى تازا ياخشى ئەمەس ئىدى. ئۇ، 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تۇيۇقسىز كېسەل بولۇپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010-01-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﯞﻩﺧﭙﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ، ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﻣﻪﻫﻤﻪﺕ ﺭﯨﺰﺍ ﺑﯧﻜﯩﻨﻨﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﻣﻪﻫﻤﻪﺕ ﺭﯨﺰﺍ ﺑﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ، ﺳﻪﺋﯘﺩﻯ ﺋﻪﺭﺍﺑﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺭﺍﻫﻤﻪﺗﯘﻟﻼﻫ ﺗﯘﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻰ ﯞﻩ  ﻫﺎﻣﯘﺕ ﮔﯚﻛﺘﯜﺭﻙ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ.

RFA Photo / Erkin Tarim

ھازىر ئەنقەرەنىڭ داڭلىق دوختۇرخانىلىرىدىن بىرى بولغان گۈۋەن دوختۇرخانىسىدا داۋالانماقتا. ئىككى كۈندىن بېرى ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ئۇيغۇرلار ۋە تۈرك دوستلىرى ئۇنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ كېسىلىگە ئاللاھتىن شىپالىق تىلىمەكتە.

بىز گېنېرال مەھمەت رىزا بېكىننىڭ كېسىلى ۋە روھى كەيپىياتى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، ئۇنى يوقلاپ كەلگەن ئۇيغۇرلارغا مىكرافونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت