بېيجىڭنىڭ كۆزىگە تاقالغان مىخ

ئاۋسترالىيىدىكى مەشھۇر ژۇرنالىست جورجى نېگۇس (George Negus) نىڭ «ئاۋسترالىيىدىن دۇنياغىچە» دېگەن زىيارەت خاتىرىلىرى توپلىمى يېقىندا نەشردىن چىقتى.

0:00 / 0:00

ژۇرنالىست جورجى نېگۇس دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ، ھايات قىسسىسى بولغان «مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى» ناملىق فىلىمىنى 2009‏-يىللىق مىلبورن خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىغا قاتناشتۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ئاۋسترالىيىگە قىلغان زىيارىتىدە، ئاۋسترالىيىنىڭ دۆلەتلىك قانىلى بولغان SBS تېلېۋىزور قانىلىنىڭ ئاتاقلىق مۇخبىرى سۈپىتىدە رابىيە خانىمنى زىيارەت قىلىپ تېلېۋىزور ئارقىلىق ئاۋسترالىيە خەلقىگە ئۇيغۇر دەۋاسىنى كەڭ تونۇشتۇرغان. ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتى بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ قارشىلىق قىلغان ۋە بىسىم ئىشلەتكەن.

جورجى نېگۇس «ئاۋسترالىيىدىن دۇنياغىچە» دېگەن زىيارەت خاتىرىلىرى توپلىمىغا بىل كىلىنتۇن، مىخائىل گورباچىف، جورجى بوز، روبىت مۇگابى، مۇھەممەر كازافىي، جوخن خاۋارت، دالاي لاما قاتارلىق داھىيلار،سىياسىيونلار، دىكتاتورلار، دىنىي زاتلار ۋە كۆپلىگەن ئارتىس، ئىش بىلەرمەن سودىگەرلەر قاتارلىق زامانىمىزدىكى كۆزگە كۆرۈنەرلىك كىشىلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىنى ئايرىم تېمىلاردا بۇ كىتابقا كىرگۈزۈپ ۋە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلغان. كىتابنىڭ 6 ‏-قىسمى خىتاي ھەققىدىكى كۈز- قاراش ۋە بايانلىرى بولۇپ،رابىيە خانىم بىلەن بولغان سۆھبىتىنى «خىتاينىڭ كۆزىگە تاقالغان مىخ» دېگەن تېمىدا بايان قىلغان جورجى نېگۇس ئۇيغۇر خەلقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى ھەمدە خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇستەملىكە-مۇستەقىلىق كۈرەش تارىخى قاتارلىق ئۇيغۇرلار ئۇستىدىكى ئەلەملىك كەچۈرمىشلەرنى يارقىن ئىپادىلىگەن ھەمدە رابىيە قادىر خانىمنىڭ پۈكۈلمەس ئىرادىسىگە يۇقىرى باھا بېرىپ. ئۇنى بېيجىڭنىڭ كۆزىگە قادالغان مىخ دەپ ئاتىغان.