گەپ سۆزدە ئەدەبلىك بولۇش گۈزەل ئەخلاقتۇر
سۆزلەشتىن ئىبارەت بۇ نېمەت ئىنسانلارغا بېرىلگەن ئەڭ كاتتا ئىنئاملارنىڭ بىرىدۇر. سۆزلەشتىن ئىبارەت بۇ نېمەتتىن قانداق پايدىلىنىش، كۈنىگە توختىماي ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدىغان بۇ تىلنى قانداق قىلىپ ياخشى يولغا ئىشلىتىش ھەركىمنىڭ ئۆزىگە باغلىق ئىش. گەپ - سۆز شۇ ئادەمنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە خاراكتېرىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.05.27
جامائەتنىڭ سۆز ئۇسلۇبىغا قاراپ ئۇلارنىڭ ئومۇمىي سەۋىيىسىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىگە ۋە ئۇلار ياشاۋاتقان مۇھىتتا ئەخلاقىي پەزىلەتنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ. شۇڭا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام " سۆزلىسەڭ ياخشى سۆز قىلغىن، بولمىسا سۈكۈت قىل" دەپ كۆرسەتكەن. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئابدۇكېرىم ھاجىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.
ئويلاپ سۆزلەش كېرەك
ئابدۇكېرىم ھاجىم مۇنداق دېدى: " ئەجداتلىرىمىز: "ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ، ئويلاپ سۆزلە" دېگەن ھېكمەتنى قالدۇرغان. سۆزلەشتىن ئاۋۋال سۆزلەشنىڭ زۆرۈرىيىتىنىڭ بارلىقى ياكى يوقلۇقىغا قاراش، زۆرۈر بولسا سۆزلەش، بولمىسا جىم تۇرۇش كېرەك. ئىنسان پەقەت ئۆزىنىڭ تىلىنى تىزگىنلەپ، ئۆزىنى باشقۇرالىسا، جىم تۇرۇشقا تېگىشلىك ئورۇنلاردا سۈكۈت قىلىپ، سۆزلەشكە تېگىشلىك ئورۇنلاردا سۆزلىيەلىسە، ئۇ پىشىپ يېتىلگەن بولىدۇ. كۆپ سۆزلىگەن ئادەم كۆپ خاتالىشىدۇ. سورۇننىڭ تۆرىگە چىقىۋېلىپ توختىماي قۇمدەك سۆزلەۋەرسە، ئاڭلىغۇچىلارنى ئۇنى سۆزىنىڭ تۇتامى يوق ئادەم دەپ باھا بېرىدۇ - دە، ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى كۆزگە ئىلمايدۇ.
ئادەم زېھنىنى يىغماقچى، قىلماقچى بولغانلىرى ئۈستىدە ئويلانماقچى بولسا، ئۇ چوقۇم سۈكۈت ئىچىدە تۇرۇپ تەپەككۇر قىلىشى لازىم. شۇڭا تەربىيە مۇتەخەسسىسلىرى سۈكۈت قىلىشنى ۋە سۈكۈت ئىچىدە تەپەككۇر قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ."
ياخشى گەپ تاشنى ئېرىتىدۇ
مەرھۇم ئۇستاز مۇھەممەد غازالى " مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقى" ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازغان "ياخشى سۆزلەش، تىلنى ياخشى سۆزگە ئادەتلەندۈرۈش لازىم. چۈنكى كۆڭۈلدىكىنى ياخشى ئىبارىلەر بىلەن ئىپادىلەپ بېرىش ئېسىل ئەخلاق بولۇپ، ئاللاھ بارلىق دىيانەت ئەھلىنى ئۇنىڭ بىلەن ماختىغان. مەيلى دوست بولسۇن، مەيلى دۈشمەن بولسۇن، چىرايلىق سۆزلەشنىڭ پايدىسى ناھايىتى كۆپتۇر. بىر ھەدىستە شۇنداق كەلگەن:' سىلەر كىشىلەرنى پۇل - مال بىلەن ئۆزۈڭلارغا مايىل قىلالمايسىلەر، ئۇلارنى خۇش چىراي ۋە گۈزەل ئەخلاق بىلەنلا مايىل قىلالايسىلەر.' شۇڭا ئەجداتلىرىمىز ' چىرايلىق گەپ تاشنىمۇ ئېرىتەلەيدۇ' دېگەن ھېكمەتنى قالدۇرغان."
گەپدانلار ئۆز قىممىتىنى يوقىتىدۇ
ئابدۇكېرىم ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، بەزى گەپدان ئادەملەر گەپ ئارقىلىق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىمەكچى بولىدۇ. ئۇلارغا نىسبەتەن گەپ بىرىنچى ئورۇندا، گەپنىڭ مەزمۇنى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇلۇغۋار مەقسەت بولسا، ئەڭ ئاخىرقى ئورۇندا تۇرۇشى، ھەتتا ئۇنىڭغا ھېچ ئورۇن بولماسلىقىمۇ مۇمكىن. نۇرغۇن كىشىلەر تۈرلۈك باھانە - سەۋەبلەر بىلەن سورۇنلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئەپقاچتى خەۋەرلەر، بىھۇدە گەپ - سۆزلەر ، غەيۋەت - شىكايەتلەر بىلەن ۋاقىتلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ. شەھەر ۋە يېزىلارنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان زۆرۈرىيەتسىز رېستورانلار ۋە قەھۋەخانا ئولتۇرۇشلىرى جەمئىيەتكە كەلگەن چوڭ ئاپەت بولۇپ، نۇرغۇن ئىللەتلەرگە سەۋەب بولغاننىڭ سىرتىدا، مىللەتنىڭ كېلەچىكى بولغان ياشلارنىڭ ۋاقىتلىرىنى ئىسراپ قىلىدۇ.