گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى د ئۇ ق رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى

31-ئۆكتەبىر كۈنى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تارمىقىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى رەھبەرلىرى د ئۇ ق نىڭ گېرمانىيىدىكى مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2012.11.05
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
dolqun-eysa-Micheal-Philips-305.jpg باش شتابى گېرمانىيىدىكى د ئۇ ق نىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى مەسئۇلى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى(ئوڭدا) بىلەن د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى مائىكىل فىلىپس(Micheal Philips) ئەپەندى. 2012-يىلى سېنتەبىر.
RFA/Erkin Tarim

د ئۇ ق نىڭ 2-ئۆكتەبىر كۈنى بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 31-ئۆكتەبىر كۈنى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ تەكلىپى بىلەن د ئۇ ق ۋەكىللىرىدىن مۇئاۋىن رەئىس ئەسقەرجان ۋە ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەر گېرمانىيە پايتەختى بېرلىنغا بېرىپ، گېرمانىيە ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ مەقسىتى، 10-ئاينىڭ 8-9-كۈنلىرى گېرمانىيە بىلەن خىتاي ۋەكىللىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش سۆھبىتىنىڭ ئاساسى مەزمۇنىدىن د ئۇ ق، تىبەت تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىگە مەلۇمات بېرىشتىن ئىبارەت بولغان.

مەلۇمكى، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى بىلەن خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان 10-قېتىملىق كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە سۆھبىتى باشلىنىشتىن ئىلگىرى، د ئۇ ق قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلار گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە مەلۇمات يوللاپ، خىتاي، ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى پاش قىلغان ئىدى. بۇ قېتىم بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتكە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى ماركۇس لۆنىڭ قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى قاتناشقان. ماركۇس لۆنىڭ ئەپەندى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇپلا قالماي، بەلكى خىتاي بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بىرقانچە قېتىملىق سۆھبەتنىڭ مەسئۇلى ئىدى.

بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن د ئۇ ق رەھبەرلىرىدىن مۇئاۋىن رەئىس ئەسقەرجان ۋە ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.