گېرمانىيىدە 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ئىككى يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىشى چوڭ ئۆتكۈزۈلدى

7-ئاينىڭ 5-كۈنى گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار ميۇنخېن شەھىرىدە 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ئىككى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ۋە رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2011-07-05
Share
germaniye-namayish-5-iyul1-305.jpg گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ئىككى يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىشى. 2011-يىلى 5-ئىيۇل.
RFA/Ekrem

ميۇنخېن شەھىرىنىڭ مەركىزى بولغان شىتاخۇس دېگەن جايغا توپلانغان ئۇيغۇرلار چۈشتىن كېيىن سائەت 16:00 دىن 19:00 غىچە ئونلىغان ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆكبايراق، 5-ئىيۇل شېھىتلىرىنىڭ سۈرەتلىرى چاپلانغان تاختايلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك تەلەپلىرى يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ نامايىش ئېلىپ باردى. ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ نامايىشقا ئەرلەردىن سىرت، كۆپلىگەن ئاياللار ۋە بالىلارمۇ قاتناشتى. يەنە بىر قىسىم گېرمانلار، تۈركلەر، تىبەتلىكلەرمۇ بۇ نامايىشقا ئىشتىراك قىلدى.

germaniye-namayish-5-iyul2-385.jpg
گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ئىككى يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىشى. 2011-يىلى 5-ئىيۇل.
RFA/Ekrem

نامايىش جەريانىدا، د ئۇ ق ۋە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرى ئەتراپتىكى كۆزەتكۈچى ئاممىغا 5-ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقىغا ئائىت مەلۇماتلارنى گېرمانچە تىلدا يەتكۈزۈپ، گېرمان جامائىتىنىڭ دىققىتى ۋە ھېسداشلىقىنى قوزغىدى. ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى تەرىپىدىن كىشىلەرگە تارقىتىپ بېرىلگەن تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىدىمۇ 2009-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىققا ئائىت ئۇچۇرلار ئورۇن ئالغان ئىدى. كىشىلەرنىڭ ھەممىدىن بەك دىققىتىنى تارتقان نەرسە، 5-ئىيۇل ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر بولدى.

نەق مەيداندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق باش كاتىپى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى نامايىش توغرىسىدا ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. بۇ قېتىمقى نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئۆمەرجان ۋە ئابدۇجېلىل قارىھاجىملارمۇ ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.

خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئۇلرىخ دېليۇن ئەپەندى خىتاينىڭ يالغۇز شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە زۇلۇم سېلىپلا قالماستىن، گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغىمۇ زۇلۇم سېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تور بەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، تېلېفونلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا قارىتا گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنكاس بىلدۈرۈشى ۋە تەدبىر قوللىنىشى زۆرۈرلۈكىنى ئېيتتى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت