ئۆتكەن ھەپتە مۇخبىرىمىز، 5-ئىيۇلدىن كېيىن غايىب بولغانلاردىن جۈمە تۇرسۇننىڭ دادىسى تۇرسۇناخۇن ھەسەننى زىيارەت قىلغان. تۇرسۇناخۇن ھەسەن ئۆيىدىن ئوغلىنى تۇتۇپ ئاچىقىپ كەتكەن ساقچى مەھەممەدجان ئابلەتنى قەشقەر يېڭىشەھەردە ئۇچرىتىپ تونۇۋالغانلىقىنى، ئەمما ساقچىنىڭ ئۇنىڭ ئوغلىنى تۇتقانلىقىدىن تېنىۋالغانلىقىنى پاش قىلغان ئىدى.

مۇخبىرىمىز بۈگۈن يېڭىشەھەر ناھىيە يېڭىئېرىق ساقچىخانىسىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى مەھەمەتجان ئابلەتنىڭ ئۆزىنى زىيارەت قىلىپ مەزكۇر تېمىدا مەلۇمات سورىدى. مەھەممەدجان ئابلەت مۇخبىرىمىزغا بەرگەن جاۋابىدىمۇ، ئۆزىنىڭ جۈمە تۇرسۇننى تۇتمىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنداقتا، ساقچى مەھەممەدجان ئابلەتنىڭ دېگەنلىرى راستمۇ ياكى پۇقرا تۇرسۇناخۇن ھەسەننىڭمۇ؟ بۇ سوئالغا رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ ئۆزلىرى جاۋاب تېپىۋېلىشى ئۈچۈن، تۆۋەندە مەھەممەدجان ئابلەتنىڭ جاۋابى ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز.
سوئال: ياخشىمۇسىز؟ سىز مۇھەممەتجانمۇ؟
جاۋاب: شۇنداق مەن مەمەتجان.
سوئال: سىز مۇشۇ يېڭىشەھەردىكى يېڭىئېرىق ساقچىخانىسىنىڭ سوجاڭىمۇ ياكى؟
جاۋاب: زىداۋيۈەنى (سىياسىي يېتەكچىسى)
سوئال: سىز 5-ئىيۇلدىن كېيىن ئۈرۈمچىگە تازىلاشقا باردىڭىزغۇ....
جاۋاب: ياق، ياق، مەن بارمىدىم، مەن بارمىدىم....
سوئال: ئەمىسە سىلەرنىڭ ساقچىخانىدىن كىم باردى؟
جاۋاب: ھېچكىم بارمىدى.
سوئال: سىز بۇ، جۈمە تۇرسۇننى ئۆيىدىن تۇتۇپ ئاچىقىپ كەتكەن ساقچى ئەمەسمۇ؟
جاۋاب: ياق، مەن، مەن ئۈرۈمچىگە بارمىدىم.
سوئال: بىزگە كەلگەن مەلۇماتتا دېيىلىشىچە، جۈمە تۇرسۇننى تۇتۇپ كەتكەن ساقچى سىزكەنسىز.
جاۋاب: ياق-ياق، مەن ئۇ يەرگە بارمىدىم.
جاۋاب: ئۇنداقتا سىز جۈمە تۇرسۇننى تۇتقانلىقىڭىزنى رەت قىلىسىز، شۇنداقمۇ؟
جاۋاب: ئۈرۈمچىگە بارمىغان بولغاندىكىن رەت قىلىمەن-دە؟
سوئال: سىز يېڭىئېرىق يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ زىداۋيۈەنى مەمەتجان ئابلەت سىز بولىسىز شۇنداققۇ؟
جاۋاب: ھە شۇنداق.
سوئال: سىز بۇ يىل قانچە ياشقا كىردىڭىز؟
جاۋاب: سىز بۇ ھەقتە ئىدارە بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بوپتىكەن؟
سوئال: ئىدارىڭىز بىلەن ئالاقىلىشىپ بولدۇق.
جاۋاب: سىزنىڭ تېلېفون نومۇرىڭىز كۆرۈنمەيدىكەن، سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان ئادەمگە جاۋاب بېرەلمەيمەن.
سوئال: دېمەك سوئالىمىزغا جاۋاب بېرەلمەسلىكىڭىزدىكى سەۋەب، تېلېفون بەرگۈچىنىڭ نومۇرى كۆرۈنمەسلىك ھەم سالاھىيىتى ئېنىق ئەمەس، شۇنداقمۇ؟
جاۋاب: ئۇ شۇنداق، بۇ، بۇ بايىقى سىز سورىغان ئەھۋالنىمۇ ئۇقمايمەن.
سوئال: ئۇنداقتا سىز بۇ ئىشتا راھەت بولۇشىڭىز كېرەكتىغۇ؟
جاۋاب: مەن راھەت. سالاھىيىتىمنى سورىسىڭىز قانداق جاۋاب بېرەلەيمەن؟
سوئال: بىر دۆلەتنىڭ ساقچىسى شەخسىي سالاھىيىتىنى ئاشكارىلاشتىن بۇنچىلا ئەندىشە قىلماسلىقى كېرەكتىغۇ؟ چوڭراق دېلولارغا قول سالغان ئىشىڭىز بارمۇ-يا؟ ئەگەر مۇشۇنداق بولسا ئەندىشىڭىزنى چۈشەنگىنى بولىدۇ.
جاۋاب:....
مەھەممەدجان ئابلەت، ئۆزىنىڭ 5-ئىيۇلدىن كېيىن، ئۈرۈمچىگە ئاتالمىش تازىلاشقا بارغانلىقىنى رەت قىلىپلا قالماستىن، يەنە باشقىلارنىڭ بارغانلىقىنىمۇ رەت قىلدى. ئەمما، غايىب جۈمە تۇرسۇننىڭ دادىسى بىلەن كۆرۈشكەن دەسلەپكى قېتىمدا، ساقچىخانا باشلىقىنىڭ ئۈرۈمچىگە بارغانلىقىنى ئېيتقان.
مەلۇم بولۇشىچە، تۇرسۇناخۇن ھەسەن قەشقەرگە بارغاندا قەشقەر ۋىلايەتلىك ساقچى باشقارمىسىدىكىلەر، ئۈرۈمچىگە قەشقەردىن ساقچى بارمىغانلىقىنى ئېيتقان؛ ئەمما ئەينى چاغدىكى خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى 5-ئىيۇلدىن كېيىن ھەرقايسى ۋىلايەتلەردىن 800 دىن ئارتۇق ساقچى خادىمىنى ياردەمگە چاقىرغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. ئىگىلەشلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، غايىبلاردىن ئەكبەر تۇرسۇننى تۇتۇپ كەتكەن ئىككى نەپەر ساقچى ئۆزىنىڭ قەشقەردىن كەلگەنلىكىنى ئېيتقان. ئەمما ئۇلار كېيىن تېلېفون نومۇرلىرىنى ئۆزگەرتىپ ئۆز كىملىكلىرىنى يوشۇرغان.
خىتاي ساقچىلىرىنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى يېڭى بىر ئەھۋال ئەمەس. ئۇلار، دۆلەتنىڭ ئۆزلىرىنى قوغدايدىغانلىقىغا ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆزلىرىنىڭ خاتا ئىجرائاتلىرىنى ھەتتا جىنايى قىلمىشلىرىنىمۇ پۇقرالاردىن يوشۇرۇپ كەتمىگەن. ئەجەبا غايىبلار مەسىلىسىگە كەلگەندە، خىتاي ساقچىلىرى نېمە ئۈچۈن ئۆز ئىجرائاتلىرىنى ۋە كىملىكلىرىنى يوشۇرىدۇ؟ بۇ ئۇلارنىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۆزلىرىنى قوغدايدىغانلىقىغا ئىشەنچى قالمىغانلىقى ئۈچۈنمۇ ياكى بۇ دۆلەتنىڭ ئورگانلىرىنىڭ مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇشىمۇ؟ بۇ سوئال يەنىلا تەكشۈرۈش ۋە ئېنىقلاشلىرىمىزنى كۈتمەكتە.