5-ئىيۇلدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار (24)
2012.11.06
دۇكاندا بىر تەرەپتىن تەرلەپ-تەپچىرەپ ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن خېرىدار چاقىرىدىغان ئوتتۇرا ياشلىق ھۈنەرۋەننىڭ بەستىمۇ كۆرۈنمەس بولدى؛ يولدىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر دۇكاننىڭ بۇ جىمجىت مەنزىرىسىنى ھەر كۈنى كۆرۈشكە قادىر، ئەمما بۇ دۇكاننىڭ ئىگىسىنى بىر خانىم ۋە بىر قىزنىڭ 3 يىلدىن بېرى ئىزدەۋاتقانلىقىدەك ئېچىنىشلىق مەنزىرىنى كۆرۈشكە قادىر ئەمەس. بىز بۈگۈن مانا مۇشۇ مەنزىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
دۇكاندارنىڭ ئىسمى ئابدۇرېھىم قادىر؛ 1965-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان؛ ئۇ، 2006-يىلى ئايالى ۋە بىر قىزىنى ئېلىپ تىرىكچىلىك ئۈچۈن قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە كەلگەن ۋە دوستلىرىنىڭ يۆلىشى بىلەن بەيتۇللا مەسچىتىنىڭ يېنىدىكى ئەنە شۇ دۇكاننى ئىجارىگە ئېلىپ ئىش باشلىغان. قەلەيچىلىك دۇكىنى گەرچە ئۇنى كۆپ بىر بايلىققا ئىگە قىلىۋېتەلمىسىمۇ، ئۇنى ئۆي ئىجارىسىنى تۆلەش ۋە 3 جانلىق ئائىلىسىنىڭ كۈندىلىك چىقىمىنى قامداشقا يارىغان. مانا مۇشۇنچىلىك بىر ماددىي ئىمكانلار بىلەن ئۆزلىرىنى بەختلىك ساناپ، شۈكرى-قانائەت ئىچىدە ياشاۋاتقان بۇ ئائىلە، 2009-يىلى 6-ئىيۇل كۈنى سەھەردە خىتاي ساقچىلىرى ئۆيلىرىگە باستۇرۇپ كىرىپ، ئابدۇرېھىم قادىرنى ساپما كەش ۋە ئاسما مايكا بىلەن ئۆيىدىن ئاچىقىپ كەتكەندىن بۇيان، ئەسلىگە قايتالمىغان. نۆۋەتتە بۇ ئائىلىدىكى دادا غايىب، ئانا يولدىشىنى ئىزدەپ سەرسان؛ قىز ئۆيدە ئوقۇشسىز.
مەلۇم بولۇشىچە، 5-ئىيۇل ۋەقەسى سەۋەبلىك تۇتۇپ كېتىلگەن ئابدۇرېھىم قادىر، 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەب بولغان شاۋگۈەن ۋەقەسىدىن خەۋەرسىز؛ ئۇ 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولغان رايوندىكى مىللىي زىددىيەت ۋە زالىمانە سىياسەتلەر ئۈستىدىمۇ ھېساب-كىتاب قىلىپ باققان ئەمەس. ئۇ 5-ئىيۇل كۈنى ۋەقە يۈز بەرگەندە، بىر پالاكەتچىلىككە يولۇقۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، دۇكىنىنى تاقاپ ئۆيىگە قايتىپ كىرگەن؛ ئەمما پالاكەتچىلىك ئۇنى ئۆيىگىچە قوغلاپ بارغان ۋە يېپىشقان؛ بۇنىڭغا پەقەت ئۇنىڭ ئۇيغۇرغا خاس چىرايى ۋە ئۇيغۇرچە سۆزلىشىلا سەۋەب بولغان.