غايىبلار ئائىلە-تاۋابىئاتىنىڭ خىتاينىڭ 18-قۇرۇلتىيىغا يەتكۈزمەكچى بولغان سۆزلىرى

بېيجىڭدا خىتاينىڭ 18-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەكىللەر ئۆمىكى بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئىككىنچى قېتىملىق ئايرىم يىغىنىنى ئاچقان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.11.08
patigul-ghulam-305.jpg غايىبلاردىن ئىماممەمەت ئېلىنىڭ ئانىسى پاتىگۈل غۇلام.
RFA/Shohret Hoshur

يىغىندا دىلنۇر ئەزىز ئىسىملىك ۋەكىل خىتاي ئەمەلدارلىرىدىن جوۋ يۇڭكاڭغا، ئۇيغۇر رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بەخت-سائادەت ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى ۋە مەركىزى ھۆكۈمەتتىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بىز بۈگۈن ئۈرۈمچىدىكى 5 ‏-ئىيۇلدىن كېيىن پەرزەنتى غايىب بولۇپ كەتكەن بىر دەردمەن ئانىنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا، ئۇ مەزكۇر ۋەكىللەرنىڭ رايوندىكى خەلققە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ 18-قۇرۇلتىيىغا يەتكۈزمەكچى بولغان سۆزلىرىنى بايان قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاتالمىش ۋەكىللەر، بۇ يىلمۇ خىتاي دائىرىلىرى تەييارلاپ بەرگەن ماتېرىياللار بىلەن يولغا چىققان. ئۇلار سەپەرگە چىقىشنىڭ ئالدىدا جەمئىيەتتە ھېچقانداق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارمىغان. شۇڭا ئۇلار بۈگۈن ئېچىلغان ئىككىنچى قېتىملىق يىغىنىدا رايوندىكى نۆۋەتتىكى رېئال ۋە جىددىي مەسىلىلەر ھەققىدە قىلچە توختالمىغان. ئەكسىچە، رايوندىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە قارىتا نارازىلىقىنى بۇرمىلاپ كۆرسىتىپ، خىتاي رەھبەرلىرىگە ساختا سالام يەتكۈزگەن. ئىگىلىشىمىزچە، رايوندىكى نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددىي مەسىلىلەردىن بىرى غايىبلار مەسىلىسىدۇر. غايىبلارنىڭ سانى ھازىرغا قەدەر تولۇق كىملىكلىرى بويىچە ئىسپاتلانغىنى 33 نەپەر؛ ھۆكۈمەت ساقچى باشلىقلىرىنىڭ ئېغىزىدىن ئاشكارىلانغىنى 300 نەچچە نەپەر؛ جەمئىيەتتە تارقالغان سۆزلەرگە ۋە پەرەزلەرگە ئاساسلانغاندا غايىبلارنىڭ سانى مىڭدىن تۆۋەن ئەمەس. نۆۋەتتە رايوندىكى خەلق، بولۇپمۇ غايىبلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى 18-قۇرۇلتايدا بۇ مەسىلىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنى ۋە غايىبلار ھەققىدە ئېنىق بىر ئۇچۇر بېرىلىشىنى كۈتمەكتە.

غايىبلاردىن ئىماممەمەت ئېلىنىڭ ئانىسى پاتىگۈل غۇلام، بۈگۈن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 18-قۇرۇلتايغا يەتكۈزمەكچى بولغان سۆزلىرىنى بايان قىلدى. ئۇ سۆزىدە، نۆۋەتتە رايوندا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ، 5-ئىيۇلدىن كېيىن غايىب بولغان پەرزەنتلىرى ۋە جۆرىلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالالماي ئازاب تارتىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇ خىل كىشىلەردىن ئاز دېگەندە 30 نەپىرىنى تونۇيدىغانلىقىنى، يەرلىك دائىرىلەر ۋە ساقچىلارنىڭ، بۇ ئائىلىلەرگە غايىبلار ھەققىدە مەلۇمات بەرمەيلا قالماستىن؛ يەنە ئىز-دېرىكىنى قىلغانلىقى ئۈچۈن نازارەت قىلىنىۋاتقانلىقىنى، تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ھەتتا جازاغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ رايوندىكى بەزى ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ رايوندىكى خەلقتىن، 18-قۇرۇلتايغا قارىتا تەكلىپ-پىكىرلىرىنى سورىغانلىقىنى، زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ بولسا، ئوقۇشتىكى بالىسىغا ئوقۇش پۇلىنى يېتىشتۈرەلمەسلىكى، ئىستېمال سەۋىيىسىگە ئۇيغۇن مائاش ئالالماسلىق قاتارلىق رايونغا نىسبەتەن ئاددىي سانىلىدىغان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى، ئۆزلىرىگە ئوخشاش زىيانكەشلىككە ۋە ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ زىيارەت قىلىنمىغانلىقى، رايوندىكى ئاساسلىق ۋە جىددىي مەسىلىلەرنىڭ تىلغا ئېلىنمىغانلىقى ئۈستىدىن شىكايەت قىلدى.

پاتىگۈل غۇلام، غايىبلار مەسىلىسىنىڭ رايوندىكى ئەڭ چوڭ ۋە جىددىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
-مېنىڭ ئەتراپىمدا بالامنىڭ ئەھۋالىنى بىلىدىغان، كۆڭۈل بۆلىدىغان يۈزدىن ئارتۇق ئادەم بار، ئۇلارنىڭ مەن بىلەن ئۇچراشسا بىرىنچى بولۇپ سورايدىغىنى: «بالاڭنىڭ خەۋىرىنى ھۆكۈمەت بەردىمۇ؟» مەن بىلىدىغان شۇ 30 نەچچە كىشىنىڭمۇ ئاز دېگەندە 100دىن تونۇشى بار. بۇ بۈگۈن شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدە دېيىلىدىغان، سورىلىدىغان گەپ. قۇرۇلتايدا دېيىلىشكە تېگىشلىك بۇنىڭدىنمۇ جىددىي، بۇنىڭدىمۇ چوڭ ئىش بارمىدۇ؟

خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋ خىتاي 18-قۇرۇلتىيىدا ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. 2012-يىلى 8-نويابىر، بېيجىڭ.
خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋ خىتاي 18-قۇرۇلتىيىدا ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. 2012-يىلى 8-نويابىر، بېيجىڭ.
AFP

پاتىگۈل غۇلام غايىبلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ دەرد-ئەلەملىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
-بەك سورۇلۇپ كەتتۇق، بەك قىينىلىپ كەتتۇق؛ نۇرغۇن نارەسىدە بالىلار، دادىلىرىدىن ئايرىلىپ كەتكەچكە، ئاچ-يالىڭاچ يۈرۈپ كەتتى، ئوقۇشسىز قالدى. بىز بالىمىزنى تېپىپ بەر دېمىدۇق، بالىمىزنى جازالىما دېمىدۇق، پەقەت ئۆلۈك ياكى تىرىكلىكىنى دەپ بەر دېدۇق. مۇشۇمۇ ئارتۇق تەلەپمۇ؟ مۇشۇ گېپىمىز ئۈچۈن سولاپ قويۇلدۇق، قاماپ قويۇلدۇق. گوڭسەنداڭنىڭ ئادىللىقى قېنى؟

پاتىگۈل غۇلام ئەگەر غايىبلار مەسىلىسى ھەل بولمىسا، جەمئىيەتتە ھۆكۈمەتكە قارىتا ئۆچ-ئاداۋەتنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى، رايوندا مۇقىملىقنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ يەنە مۇنداق دېدى:
-‏مەن ئىككى بالامغا «ئەگەر مەن ھايات ۋاقتىمدا ئاكاڭلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالالماي قالساق، ئاكاڭلارنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىڭلار» دېدىم، ئەگەر ئىمام بالامنىڭ ئۇچۇرىنى ئالالماي ئۆلۈپ كەتسەم، شۇ سۆزلىرىمنى ۋەسىيەت تەرىقىسىدە قالدۇرۇپ كېتىمەن. بۇنداق ۋەسىيەت قالدۇرىدىغانلار بىر پاتىگۈل ئەمەس، بۈگۈن قان يىغلاۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق دەيدۇ.

پاتىگۈل غۇلام 4 كۈندىن بېرى بىرەر مۇخبىردىن تېلېفون كېلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتكەنلىكىنى، شۇڭا يۇقىرىقى سۆزلىرىنى ئاخبارات ۋاسىتىسى ئارقىلىق قۇرۇلتايدىكىلەرگە يەتكۈزۈپ قويۇشىمىزنى تەلەپ قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.