فېۋرال قىرغىنچىلىقىنىڭ يەنە بىر تېرىك شاھىتى كۆرگەنلىرىنى ئاڭلاتتى

15 يىلدىن بېرى ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسىغا قۇۋۋەت بېرىپ كەلگەن «5‏-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى»، ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى زور ۋەقەلەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىپ كېلىنمەكتە.

0:00 / 0:00

ھەر قېتىم بۇ ھەقتە سۆز بولۇنغاندا شۇ ۋەقەنىڭ تېرىك شاھىتلىرى ھاياجانلىنىش، ئىپتىخارلىنىش ۋە ئېچىنىشقا ئوخشاش مۇرەككەپ ھېسسىياتلىرىنى يوشۇرۇپ قالالمايدۇ.

گوللاندىيىدە ئېلىپ بېرىلغان «5‏-فېۋرال ۋەقەسىنى» خاتىرىلەش نامايىشىغا قاتناشقان ۋەقەنىڭ بىر تېرىك شاھىتى ۋەقە ھەققىدە توختالدى ھەمدە ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان ۋەتەنداشلىرىنى ۋەتەن-مىللەتنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى ئۇنتۇماسلىققا چاقىردى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتىن ئاڭلىغايسىلەر.