5-فېۋرال غۇلجا ئىنقىلابىنىڭ يەنە بىر قۇربانى ئابدۇسالام قارىم ھەققىدە

ئابدۇسالام قارىم شۇ يىلى 30 ياش ئەتراپىدا بولۇپ دىنىي ۋە پەننىي بىلىمىنىڭ موللىقى بىلەن غۇلجا خەلقى ئارىسىدا بولۇپمۇ ياشلار ئارىسىدا زور شۆھرەت قازانغان.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلشەن ئابدۇقادىر
2012.02.29
abduxelil-abdumijit-305.jpg 1997-يىلى 5- فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىدىن كېيىن قولغا ئېلىنغان ئابدۇخېلىل ئادۇمىجىتنىڭ تۈرمىدىكى سۈرىتى. مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇخېلىل ئابدۇمىجىت قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، 2000-يىلى 15-ئۆكتەبىر كۈنى چاپچال تۈرمىسىدە قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەن.
www.uyghurnews.com

5-فېۋرال شاھىتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 5-فېۋرال غۇلجا ئىنقىلابىنىڭ يولباشچىلىرىدىن ئابدۇخېلىل مىجىتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، غۇلجىدىكى خەلق ئارىسىدا ئىناۋەت قازانغان جامائەت ئەربابلىرى، دىنىي زاتلار ۋە ئوقۇمۇشلۇق زىيالىيلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىشقا باشلىغان. بۇلارنىڭ بىرى غۇلجا شەھەر دۆڭمەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق ئابدۇسالام قارىم. ئابدۇسالام قارىم شۇ يىلى 30 ياش ئەتراپىدا بولۇپ دىنىي ۋە پەننىي بىلىمىنىڭ موللىقى بىلەن غۇلجا خەلقى ئارىسىدا بولۇپمۇ ياشلار ئارىسىدا زور شۆھرەت قازانغان. 5-فېۋرال غۇلجا نامايىشى يۈز بېرىپ 6 ئايدىن كېيىن يەنى ئاۋغۇست ئايلىرىنىڭ مەلۇم بىر كېچىسى ئىلى ئوبلاستلىق قوراللىق ساقچى بۆلۈمىنىڭ خادىملىرى ئۇنى ئۆيىدىن سوراق قىلىمىز دېگەن باھانە بىلەن ئېلىپ كېتىپ 2 كۈندىن كېيىن ساقچى بىناسىدىن ئۆزىنى تاشلىۋالدى دەپ ئائىلىسىگە ئۇنىڭ جەسىتىنى بەرگەن. ئەمما ھېچكىم ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىغا ئىشەنمىگەن، چۈنكى ئۇنى سوراق جەريانىدا ساقچىلارنىڭ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكى ھەقىقەت. بۇ ھەقتە ئابدۇسالام قارىمىنىڭ ئەڭ يېقىن ئاغىنىسى، ئەينى چاغدا ئۇنىڭ مېيىتىنى يۇيۇشقا قاتناشقان ئابدۇرازاق ئەپەندى ئوز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.

ئابدۇسالام قارىمىنى يېقىندىن بىلىدىغان، گۈەنتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ ھازىر ئالبانىيىدە ياشاۋاتقان ئابابەكرى قاسىم، ئابدۇسالام قارىمىنىڭ ئەينى چاغدا غۇلجىدا ئۆتكۈزۈلگەن مېيىت نامىزىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

ھازىر شۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان 5-فېۋرال شاھىتلىرىنىڭ بىرى ئادىلجان ھاكىم. ئۇ ئابدۇسالام قارىم ھەققىدە توختىلىپ، ئىسلام دىنىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنىڭ قاتتىق چەكلىنىدىغانلىقىنى، بۇ نۇقتىنى ئابدۇسالام قارىمىنىڭ ياخشى بىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ھازىر ياۋروپادىكى مەلۇم بىر دۆلەتتە ياشاۋاتقان ساباھ تەخەللۇسىدىكى بىر خانىم، 5-فېۋرال غۇلجا ئىنقىلابى ھەققىدىكى كۈندىلىك خاتىرىسىگە مۇنداق دەپ يازىدۇ:
‏-خەلقىمگە ئاپىرىن. غۇلجا خەلقى كىملەردىن نەپرەتلىنىپ، كىملەرنى بېشىدا كۆتۈرۈشنى ياخشى بىلىدىغان خەلق. بۈگۈن غۇلجا كوچىلىرى ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى. مەھەللىلەر ئادەمسىز، ھەممە كىشى غۇلجا شەھىرىدىكى بەيتۇللا مەسچىتىگە قاراپ ئاقماقتا. كىشىلەر بىر-بىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئەلھۆكمىلىللا دېيىشكەنچە ئالىقانلىرىنى يۈزلىرىگە سۈرمەكتە. بۈگۈن غۇلجا ئاسمىنىدا بىر تاۋۇتنىڭ لەپىلدەپ ئۇچقىنىنى كۆردۈم. غۇلجىدىكى قارادۆڭ قەبرىستانلىقى ئېلى ۋادىسىنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلى، يەنە بىر سەركىسىنى ئۆز قوينىغا ئالدى. بۇ سەركە غۇلجا شەھەر دۆڭمەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق ئابدۇسالام قارىم ئىدى.

بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.