ھۆكۈمەت باغ ئىگىلىرىنىڭ قارشىلىقى ئالدىدا ئامالسىز قالدى

غۇلجا ناھىيە تۇرپانيۇزى يېزىسىدىكى باغلارنىڭ تەقدىرى مەسىلىسى، ھازىر تۇرپانيۇزى يېزىسىدىكى دېھقانلار ئارىسىدا غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ،دېھقانلارغا 50 يىللىق ھۆددىگە بەرگەن باغلارنى يەنە 25 يىل ۋاقتى بار تۇرۇقلۇق، ئەسلى ئىگىلىرىدىن ئەرزان باھادا سېتىۋېلىپ، ئىچكىرىدىن كەلگەن خىتاي سودىگەرلىرىگە "كىم ئاشتى" قىلىپ سېتىۋەتمەكچى بولغانلىقى ھەم بۇ يەردە ئىستىراھەت باغچىسى قۇرماقچى بولغانلىقى، باغ ئىگىلىرىنىڭلا ئەمەس، بەلكى تۇرپانيۇزى دېھقانلىرىنىڭمۇ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2009.05.05
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Uyghur-dixan-boway-305 كوچىدا كېتىۋاتقان ياشانغان ئۇيغۇر بوۋاي ۋە موماي. خوتەن.
RFA Photo

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر دېھقان ئۆزىنىڭ يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ قارارىغا بولغان نارازىلىق پىكرىنى بايان قىلدى.

تۇرپانيۇزى باغلىرىنىڭ تەقدىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتقان بۇ دېھقان، ھازىرقى مەسىلىنىڭ پەقەتلا بۇ باغلارنىڭ ئىچكىرىدىن كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرىگە سېتىۋېتىلىش مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ قەدىمى يۇرتلىرىدىن بىرى بولغان، 400 يىللىق تارىخقا ئىگە تۇرپانيۇزىدىن ئىبارەت بۇ قەدىمى ئۇيغۇر ماكانىغا يات قەۋملەرنىڭ سىڭىپ كىرىشى، بۇ يۇرتنىڭ ئەسلىدىكى گۈزەل ساپ مەدەنىيىتىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەش، بۇ يەرگە قۇرۇلماقچى بولغان ئىستىراھەت بېغىدا بۇ يۇرتنىڭ ئەسلىدىكى گۈزەل ئەخلاق - يوسۇنلىرىغا خىلاپ بولغان ناشايان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن، ياش ئەۋلادلارنىڭ ئەخلاق جەھەتتىن بۇزۇلۇشىدىن ئەنسىرەش ئىكەن.

ئەجەبا دېھقانلار ئويلاپ يېتەلىگەن مۇشۇنداق ئاددىي مەسىلىنى، ئوخشاشلا ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان يېزا كادىرلىرى ئويلاپ يېتەلمىگەنمىدۇ ؟ يۇقىرىقى تۇرپانيۇزى كەنتىنىڭ كەنت باشلىقى ئابدۇسەمەتنىڭ نەزىرىدە، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۇنۇم يارىتىش ئۇچۇن، دېھقانلاردىن بۇ باغنى قايتۇرۇۋېلىپ، ئىچكىرىدىن كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرىگە كىم ئاشتى قىلىپ سېتىشى تامامەن ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىش بولۇپ، يېزىلىق ھۆكۈمەت، بۇ قەدىمى گۈزەل باغلارنى، ئىچكىرىدىن كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرىگە كىم ئاشتى قىلىپ سېتىشنى قارار قىلغان چېغىدا بۇ ئىشنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچۇن قانداق ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئويلاشمىغاندەك قىلاتتى.

بىز بۈگۈن تۇرپانيۇزى يېزىسىنىڭ باشلىقى پەخىرىدىننىڭ قول تېلېفونىغا تېلېفون قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇق. پەخىرىدىن ئەپەندى بۇ قېتىم تېلېفوننى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ مۇخبىرنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن تېلېفون قىلىۋاتقانلىقىنى بىلگىنىدىن كېيىن، ئۆزىنىڭ مۇخبىرنىڭ زىيارەت قىلىشىنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ تېلېفونىمىزنى ئۈزىۋەتتى.

گەرچە يېزا باشلىقى پەخىرىدىن ئەپەندى، مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ دېھقانلارنىڭ يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلارنىڭ قولىدىكى باغلارنى مەجبۇرى قايتۇرۇۋېلىش پىلانىغا نارازى ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىدىغاندەك قىلاتتى.

بىز بۇ باغلارنىڭ ئىگىلىرىدىن نۇرى ئاكا ۋە ئۈمگۈلسۈم ھەدىلەرنىڭ باغلىرىنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى بىلىش ئۇچۇن،ئومگۇلسۇم ھەدە ۋە نۇرى ئاكىلارنىڭ ئۆيىگە تېلېفون قىلدۇق.
 تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۈمگۈلسۈم ھەدە، ئۆزىنىڭ يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ قارارىغا قوشۇلمىغىنى ئۈچۈن ھازىرچە يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنىڭ بېغىنى سېتىۋالالمىغانلىقىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ بېغىنىڭ ئەتراپىدىكى بىر قانچە باغلارنىڭ ئىگىلىرىنىڭ يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ بېسىمى ئالدىدا باغلىرىنى سېتىشقا ماقۇل بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

نۇرى ئاكىنىڭ ئۆيىگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا، تېلېفونىمىزنى نۇرى ئاكىنىڭ خانىمى خەلچەم ھەدە ئالدى، ئۇ بىزگە نۇرى ئاكىنىڭ ھازىر ئاغرىق ئىكەنلىكىنى، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقى ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بالىلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، باغنى ساتماسلىق قارارىغا كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، گەرچە تۇرپانيۇزى يېزىلىق ھۆكۈمەت بىر قىسىم دېھقانلارنىڭ باغلىرىنى مەجبۇرىي سېتىۋالغان بولسىمۇ، ئەمما نۇرى ئاكا ۋە ئۈمگۈلسۈم ھەدىگە ئوخشاش قانۇن ئارقىلىق ئۆز ھەق - ھوقۇقىنى قوغدىغان دېھقانلار ئالدىدا ئامالسىز قېلىپ، ھازىرچە بۇ باغلارنى سېتىۋېلىش نىيىتىدىن ۋاقتىنچە بولسىمۇ ۋاز كەچكەن.



پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.