گېرمانىيە پارلامېنت ۋەكىللىرى د ئۇ ق ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى

گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ۋە ئەرزىيەت كومىتېتى خادىملىرى بۇ يىل 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 20 - كۈنىگىچە شەرقىي تۈركىستان ھەم تىبەتتە زىيارەتتە بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئائىت مەسىلىلەر بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئىدى.

ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻧﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺳﯧﻜﺮﯦﺘﺎﺭﻯ ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻨﯩﯔ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻧﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺳﯧﻜﺮﯦﺘﺎﺭﻯ ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻨﯩﯔ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ. (RFA Photo)

0:00 / 0:00

6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئۇلار د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ئىلتىماسى بىلەن گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا قۇرۇلتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان توغرىلىق ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىنى تەقدىم قىلغان ۋە د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت يېڭىدىن ئېرىشكەن مەلۇماتلىرىنى قوبۇل قىلغان. بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشقا د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان بىلەن باش كاتىپ دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەر قاتناشقان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ پىكرىگە ئاساسلانغاندا، گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ۋە ئەرزىيەت كومىتېتى خادىملىرىنىڭ، بۇندىن كېيىن يەنە، خىتاي بەلگىلەپ بەرگەن ئۈرۈمچىدىكى بىر قانچە نۇقتىنى ئەمەس، بەلكى قەشقەر، خوتەن قاتارلىق ئۇيغۇرلار مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنى زىيارەت قىلىش پىلانى بار ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.