گېرمانىيىدە شاۋگۇەن قانلىق ۋەقەسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

3 - ئىيۇن كۈنى گېرمانىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، مىيۇنخېن شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنى كوللىكتىپ ئۇرۇش، ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

0:00 / 0:00

يىغىۋاتقان قاتتىق يامغۇرغا قارىماي جاراڭلىق شۇئار توۋلاپ ئۆزىنىڭ غەزىپىنى ئىپادىلىگەن نامايىشچىلار، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.