گېرمانىيىدە ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى گېرمانىيە ئۇيغۇرلىرىمۇ د ئۇ ق نىڭ مىيۇنخېندىكى باش شىتابى زالىدا 1933 - يىلى ۋە 1944 - يىلى قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

0:00 / 0:00

بۇ پائالىيەتنى ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، پائالىيەتكە د ئۇ ق ۋە ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرى ھەمدە مىيۇنخېندا ياشاۋاتقان كۆپلىگەن ئۇيغۇر جامائىتى قاتناشقان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئالدى بىلەن چەتئەللەردە ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ تارىخى ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ ئۆتتى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۆز سۆزىدە، بولۇپمۇ 5 - ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتكە بولغان سېغىنىش ۋە ھۆرمەت تۇيغۇلىرىنىڭ يەنىمۇ ئارتىپ بارغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەت جەريانىدا يەنە، ئالدىنقى ھەپتىلەر كانادادا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بىلىملىرى بويىچە تەربىيىلەش كۇرسىغا گېرمانىيىدىن بېرىپ ئىشتىراك قىلغان خانىملار، مەزكۇر كۇرس ھەققىدە پائالىيەت قاتناشچىلىرىغا ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىپ ئۆتكەن.

1933 - يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە 1944 - يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى يىللاردىن بۇيان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەم جامائىتى ئارىسىدا تۈرلۈك شەكىللەردە خاتىرىلىنىۋاتقان بولۇپ، 2009 - يىلى 5 - ئىيۇل كۈنى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى ۋەقەسى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە بۇ پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتىنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.