گۈەنتانامودىكى 4 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى ئۇيغۇرلارنى ھاياجانغا سالدى

سەيشەنبە كۈنى گۈەنتانامودا تۇرۇۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇرنى ئارال دۆلەت پالاۋنىڭ قوبۇل قىلماقچى بولغانلىق خەۋىرى، 7 يىلدىن بۇيان گۈەنتانامو تۈرمىسىدە تۇرۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان گۇناھسىز ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بولۈۋاتقان جامائەتنى بىر مەھەل ھاياجانغا سالغان ئىدى.

0:00 / 0:00

بۇ خەۋەردىن كېيىنلا بۈگۈن يەنە، ئۇلارنىڭ تۆت نەپىرىنىڭ ئازاد قىلىنىپ گۈەنتانامودىن پالاۋغا ئەمەس، بەلكى بېرمۇداغا رەسمىي يۆتكىلىپ بارغانلىق ئۇچۇرى تارقىتىلدى، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىدە يۈز بېرىۋاتقان بۇ دراماتىك ئۆزگىرىشلەر گۈەنتانامودىكى 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلاردا قانداق مۇرەككەپ ھېسلارنى قوزغىماقتا ؟

گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا يەنى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى جايلاشقان ۋاشىنگىتون د س، يەنى ئۇيغۇرلار بىر قەدەر زىچ ئولتۇراقلاشقان ۋېرجىنىيا شتاتىغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇر مىللىي رەھبىرى رابىيە قادىر ۋە باشقا ئۇيغۇرلار ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلگەن ئىدى، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۆت نەپىرىنىڭ ئامېرىكا ئەمەس، بەلكى بېرمۇداغا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا نىسبەتەن رابىيە قادىر خانىمنىڭ پىكرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ۋاشىنگىتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندىنىڭ ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق.

يەتتە يىلدىن بۇيان گۈەنتانامودىكى ئامېرىكا ھەربىي تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇردىن ئابدۇللا ئابدۇقادىر، خېلىل مامۇت، ئابلىكىم تۇراخۇن ۋە سالاھىدىن ئابلەھەتلەر 10 - ئىيۇن كېچە ئەركىنلىككە چىقىپ، 11 - ئىيۇن سەھەر ئاتلانتىك ئوكياندىكى ئەنگىلىيە ھامىلىقىدىكى بېرمۇدا ئارىلىنىڭ تۇپرىقىغا دەسسىدى.

بىز بۇ تۆت نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىككە چىقىش جەريانى ھەم ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن يىللاردىن بۇيان گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتلىرىغا تەرجىمان بولۇپ كېلىۋاتقان روشەن ئابباس خانىمنىڭ خۇسۇسي يانفونىغا تېلېفون ئۇلىدۇق.

بۇنىڭدىن ئۈچ يىل ئىلگىرى گۈەنتانامودىن بەش نەپەر ئۇيغۇرنىڭ قويۇپ بېرىلىپ ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى خۇددى بۈگۈنكىگە ئوخشاشلا ئۇيغۇرلاردا ھەم دۇنيا مەتبۇئاتىدا زور دولقۇن قوزغىغان ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە ئالبانىيىدىكى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز سەبداشلىرىنىڭمۇ ئەركىنلىككە چىققانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى تەسىراتلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالبانىيىدە تۇرۇۋاتقان ئابابەكرى قاسىم بىلەن ئالاقىلاشتۇق.

يەتتە يىل ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا تالىبان كۈچلىرىگە قارىتا ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى داۋامىدا 22 نەپەر ئۇيغۇر خاتا پەيتتە، خاتا جايدا تۇرۇپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا، تېررور گۇماندارلىرى قاتارىدا پاكىستان قىسىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندىن باشلاپ، گۈەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىگە قامالغان، گەرچە تۆت يىل ئىلگىرى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا سوتىدا گۇناھسىز دەپ ئاقلانغان بولسىمۇ،بەش نەپىرىنىڭ ئالبانىيىگە پاناھلانغىنىدىن باشقا يەنە 17 نەپىرى ھازىرغىچە گۈەنتانامودا تۇرۇشقا مەجبۇر ئىدى.

نۆۋەتتە بۇلارنىڭ يەنە تۆت نەپىرىنىڭ ئازاد قىلىنىشى ئۇيغۇرلارغا زور تەسەللىي ھەم ئۈمىدلەر بەرمەكتە شۇنداقلا ئۇلار، قالغان بىگۇناھ مەھبۇسقا ئايلانغان 13 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ پات ئارىدا ئەركىنلىككە چىقىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتمەكتە.