شائىرە گۆھەر مەمەت شاڭخەيدە نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىلغان
2010.12.08
مىللىي كەمسىتىشكە قارشى ئەرز بىلەن ئۆتكەن ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن شائىرە گۈھەر مەمەت، بېيجىڭدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، ئالدىنقى ھەپتە شاڭخەيگە يېتىپ بارغان. ئۇ شاڭخەيگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، مۇخبىرىمىز بىلەن تېلېفون ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالدى. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇنىڭ ئەتراپىدا پولات زاۋۇتنىڭ ئۇنى ئۈرۈمچىگە قايتۇرۇپ ئەكەتكىلى كەلگەن بىر قىسىم مەسئۇل خادىملىرى بار بولۇپ، مەسئۇل خادىملارنىڭ گۆھەر مەمەتنى مۇخبىرىمىز بىلەن كۆرۈشۈشكە يول قويمايۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. مۇخبىرىمىز بۈگۈن 1 -ئاۋغۇست پولات زاۋۇتىغا تېلېفون قىلىپ، زاۋۇت رەھبەرلىكىدىن گۆھەر مەمەتنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە ئەرزى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدى.
بىز پولات زاۋۇتىغا تېلېفون قىلىپ، گۆھەر مەمەتنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدۇق. زاۋۇت رەھبەرلىرى گۆھەر مەمەتنىڭ نۆۋەتتە شاڭخەيدە ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.
بىز زاۋۇت رەھەرلىكىدىن، زاۋۇتنىڭ 18 يىللىق ئىشچىسى بولغان گۆھەر مەمەتنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتە قانداق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، بۇ ھەقتە بىر قىسىم مەلۇماتلارغا ئېرىشتۇق.
بۈگۈن يەنە ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئىگىلىشىمىزچە، گۆھەر مەمەت نۆۋەتتە شاڭخەيدىكى نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا داۋالانماقتا. بۇ داۋالاش پولات زاۋۇتىنىڭ مەسئۇل خادىملىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلماقتا. ئەمما، ئۇنىڭ بۇ دوختۇرخانىغا ئۆزى خالاپ بارغانلىقى ۋە ياكى زاۋۇت مەسئۇل خادىملىرىنىڭ مەجبۇرىي ئېلىپ بارغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.