ئۇيغۇرلار گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى شەخىسلەر بىلەن كۆرۈشتى

2010-يىلى 23-نويابىر، گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى پېتىر دﯤ لاڭغې (Peter de Lange) ئەپەندىنىڭ تەكلىپى بىلەن دەنھاخ شەھىرىدىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى بۈگۈنكى ئەھۋالى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.
ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﻯ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﭘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ
2010.11.25
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

 سۆھبەتكە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپادىكى ئالاقىچىسى مەمەت توختى ئەپەندى ۋە گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار قاتناشتى.

پېتىر لاڭغې ئەپەندىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا خىتايدا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ناھەق سىياسەتلەر، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە مەجبۇرى يۆتكىلىشى، ئۇيغۇر زىيالىرىنىڭ ئىشسىز قىلىشى، ناھەق تۈرمىلەردە يېتىشى ۋە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشلىرىدىن تارتىپ، ئۇيغۇر توربەت قۇرغۇچىلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق قىسمەتلىرىگىچە تۈرلۈك مەلۇماتلارغا قوشۇپ، چەتئەللەردە، جۈملىدىن گوللاندىيىدە تۇرۇۋاتقان پاناھلىق تىلىگۈچى ئۇيغۇرلارنىڭ خەتەرلىك تەقدىرى ۋە ئىقتىسادى تۆلەم جازاسىغا بۇيرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرى قاتارلىق كۆپ ساھەلەردە تەييارلانغان كىشىلىك ھوقۇق ۋە كىشىلىك ئەركىنلىككە ئالاقىدار دوكلاتلار سۇنۇلدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى پېتىر ئەپەندى: "بۈگۈنكى سۆھبىتىمىز ناھايىتى ياخشى بولدى. يېتەرلىك ماتېرىياللارغا ئېرىشتۇق. مەنچە مەيلى گوللاندىيە ھۆكۈمىتى بولسۇن، ياكى ياۋروپا پارلامېنتى بولسۇن، ھەممىمىز مانا مۇشۇنداق دەلىللىك ماتېرىياللار ۋە يۈز تۇرانە سۆھبەتلەر ئارقىلىق،  ئۇيغۇرلار مەسىلىنى تېخىمۇ ياخشى بىلەلەيمىز ھەم جۇڭگو بىلەن سۆھبەتلەشكەن چاغلىرىمىزدا ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايمىز." دېدى.
 مەمەت توختى ئەپەندى سۆھبەتتىن كۈتكەن ئۈمىدلىرىنى خۇلاسىلەپ: "گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە تەييارلىنىۋاتقان دوكلاتىدا ئۇيغۇرلار خىلى سالماقنى ئىگىلەيدۇ." دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.