گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيتتا ھېيت پەتىسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى
2012.10.30

ھېيت پەتىسى ئىسلام دىنىنىڭ روھىغا ئۇيغۇن ئاساستا ئۆزلەشتۈرۈلۈپ مىللەتنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە سىڭىپ كەتكەن ئېسىل ئەنئەنە بولۇپ، ئۇنىڭدا بىر توپلۇم ۋە جامائەتنىڭ بارلىق يۇقىرى-تۆۋەن ئەزالىرى بىر-بىرى بىلەن ئۆز - ئارا ھەمداستىخان بولىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆزلەشتۈرۈپ داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ھېيت پەتىسى بايلار، ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن تەبىقىدىكى بارلىق جامائەت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئائىلىسىنى ھېيتلىق پەتىچىلەرنىڭ بەرىكىتىدىن بەھرىمەن قىلىدىغان ۋە دۇئالىرىدىن نەسىۋىدار قىلىدىغان ئىبادەت پەزىلىتىگە خاس ئەمەللەرگە تولغان پائالىيەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ھېيت كۈنلىرىدىكى ئەڭ مەنىلىك پائالىيەتلەر قاتارىدىن ھېسابلىنىپ كەلمەكتە.مۇھاجېرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ مەزكۇر پائالىيەتنىڭ قىممىتى ۋە ئەھمىيىتىنى تونۇپ يېتىپ، ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەت، شەھەر ۋە رايونلاردىكى ۋەتەنداشلىرىنىڭ ئائىلىلىرىگە پەتىلەپ بېرىپ دوستلۇق، قېرىنداشلىق ۋە ۋەتەنداشلىق مېھرىلىرىنى چۇڭقۇرلاشتۇرماقتا.
گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ يىلقى روزا ھېيت بايرىمى پائالىيىتىگە ھېيت پەتىسى قىلىشنى ئۆزلەشتۈرۈپ كۆپ خۇشاللىنارلىق نەتېجىلەرگە ئېرىشكەندىن كېيىن، قۇربان ھېيتلىق بايرام پائالىيەتلىرىدىمۇ ھېيت پەتىسى پائالىيىتى قانات يايدۇردى.گوللاندىيىنىڭ ئۇيغۇرلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان ئامېستىردام، كاستىركوم، خوۋدا، ئۆترېخت، روتتېردام قاتارلىق رايونلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆز-ئارا ھېيتلىق پەتىلەش پائالىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئاكتىپلىق بىلەن رول ئويناپ كەلمەكتە.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۆترىخت تەۋەلىكىدىكى پەتىچىلەرنىڭ ۋەكىلى ئابدۇراھمان قارىم پائالىيەتتىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ، ھېيت پەتىسىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئىككى دۇنيالىق قىممىتى ھەققىدە توختالدى.