شۇ يەر ۋاقتى چۈش سائەت 2 دىن كەچ سائەت 9 غا قەدەر داۋام قىلغان بۇ پائالىيەت قۇرئان كەرىم تېلاۋىتى بىلەن باشلاندى. تەلىم-تەربىيە پروگراممىسىدا، ئالدىمىزدا كېلىۋاتقان رامزان ئېيىنىڭ پەزىلىتى ۋە بۇ ئاي-كۈنلەردە غەنىيمەت بىلىشكە تېگىشلىك بولغان مۇھىم ئىسلامى مەسىلىلەر ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلدى ۋە شۇ تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا، ھەركىم دۇچ كەلگەن مەسىلىلىرىدىن سوئال سوراپ جاۋاب ئالدى.
ئەركىن مۇنازىرە تېمىلىرى تازا قىزىپ يۇقىرى پەللىگە چىققان مىنۇتلاردا، ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى بىر قاتار مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىندى. تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەردە ساقلىنىۋاتقان ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكلەر ھەققىدە تەكلىپ ۋە تەربىيىلەر ئېلىپ بېرىلىپ، ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلىق كۈچەيتىلدى.
ئوخشىغان ئۇيغۇر كاۋاپلىرى، ئۇيغۇرچە سورۇنلىرى ھەمدە ئانا تىلىدىكى كۈلكە-چاقچاقلىرى بىلەن، بىر سەپتە يانمۇ-يان تۇرۇپ ئادا قىلغان نامازلىرى بىلەن، بىر كۈنىنى خۇشال بىر كەيپىياتتا ئۆتكۈزگەن پائالىيەت ئەھلى، يەنە بىر قېتىملىق ئۇچراشقۇچىلىك بىر-بىرىگە ئامانلىق تىلەپ تارقىلىشتى.
«ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي تەلىم-تەربىيە ۋە قائىدە-يوسۇنلىرىغا ئائىت خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تەشكىلات بولۇپ، پائالىيەتلىرى ئىزچىل ۋە سالماق داۋام قىلماقتا. ئۇلارنىڭ بۇ قېتىملىق ئايلىق سۆھبەت پائالىيىتىگە، «گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى» ۋە «گوللاندىيە ئۇيغۇر ياشلار پارتىيىسى تەشكىلاتى» قاتارلىقلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، 5-ئىيۇل كۈنى ئىلىپ بېرىلىدىغان نامايىشنىڭ تەرتىپلىرى ۋە پىلان-لايىھەلىرى كېڭەش قىلىندى. پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرى، 5-ئىيۇل كۈنى دەنھاختا ئۆتكۈزۈلىدىغان نامايىش پائالىيىتىگە، گوللاندىيىدىكى بارلىق ۋەتەنداشلارنى سەپەرۋەر قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىللىق 5-ئىيۇل نامايىشى بىر قەدەر داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈش پىلانلانغان بولۇپ، گوللاندىيىنىڭ دەنھاخ شەھىرىدىكى مەركىزى پويىز ئىستانسىسىدىن، خىتاي باش ئەلچىخانىسىغىچە پىيادە يۈرۈش قىلىنىدىكەن.