بولۇپمۇ 2008 - يىلى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئالدى - كەينىدە دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققەت - ئېتىبارى ئۇيغۇر دىيارىغا بۇرالغان ئىدى. بولۇپمۇ ياۋرۇپا دۆلەتلىرى، ئامېرىكا ۋە تۈركىيىگە ئوخشاش دۆلەتلەردىن كۆپ ساندا ژورنالىستلار ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ ت ۋ پروگراممىلىرى ئىشلەپ ۋە چاتما ماقالىلەر يېزىپ ئېلان قىلدى. ژورنالىستلاردىن باشقا كىشىلەرنىڭمۇ ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ ھۆججەتلىك فىلىملەر ئىشلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدە دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغىماقتا.
يېقىندا گوللاندىيە يېشىللار پارتىيىسى سابىق باشلىقى، پارلامېنت ئەزاسى پائۇل روسەنمۆللېر ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ ئىشلەپ كەلگەن 2 قىسىملىق ھۆججەتلىك فىلىمى گوللاندىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسى 2 - قانىلىدا كۆرسىتىلگەن. بۇ ھۆججەتلىك فىلىم ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنى سېلىشتۇرۇلۇپ ئىشلەنگەن بولۇپ، قەشقەر، خوتەن، ئۈرۈمچى، قاراماي قاتارلىق يەرلەردە ئۇيغۇرلار ۋە خىتايلار بىلەن سۆھبەت قىلىش ئارقىلىق ئىشلەنگەن. بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدە ئۇيغۇرلار ۋە خىتايلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ تۇرمۇشى جانلىق پاكىتلار بىلەن سېلىشتۇرۇلغان.
ھۆججەتلىك فىلىمدە پائۇل روسەنمۆللېر ئۇيغۇرلاردىن سىلەر نېمە ئۈچۈن ئۆز يۇرتۇڭلاردا ئىشسىز قالدىڭلار؟ سىلەر ھورۇنمۇ؟ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قانداق قارايسىلەر؟ خىتايلارنىڭ بۇ يەرگە كۆپلەپ كېلىپ كېتىشىگە قانداق قارايسىلەر؟ دېگەنگە ئوخشاش سۇئاللارغا جاۋاب تېپىشقا تىرىشقان.
ھۆججەتلىك فىلىمدە پائۇل روسەنمۆللېر ئۇيغۇرلاردىن سىلەر نېمە ئۈچۈن ئۆز يۇرتۇڭلاردا ئىشسىز قالدىڭلار؟ سىلەر ھورۇنمۇ؟ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قانداق قارايسىلەر؟ خىتايلارنىڭ بۇ يەرگە كۆپلەپ كېلىپ كېتىشىگە قانداق قارايسىلەر؟ دېگەنگە ئوخشاش سۇئاللارغا جاۋاب تېپىشقا تىرىشقان. خىتايلاردىن بولسا سىلەر ئۇيغۇر رايونىغا نېمە ئۈچۈن كەلدىڭلار؟ ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن سىلەرگە ئوخشاش ياخشى بىنالاردا ياشىمايدۇ؟ ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋىتىڭلار قانداق؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارنى سورىغان.
ھۆججەتلىك فىلىم بېيجىڭدا 2008 - يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر تەنتەربىيىچىلىرىدىن سىلەر بۇ يەردە ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قاتنىشىپ ئولتۇرۇپسىلەر، ئەمما ئۇيغۇرلار ئولىمپىككە قارشى تۇرىمىز دەپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا قانداق قارايسىلەر ؟ دېگەن سوئالغا ئۇيغۇر تەنتەربىيىچىلىرىنىڭ جاۋاب بېرىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدە گوللاندىيىلىك پائۇل روسەنمۆللېر ئەپەندىنىڭ جەسۇر سوئاللىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قورقماستىن بەرگەن جەسۇر جاۋاپلىرى كىشىنى ئويغا سالماي قالمايدۇ.
بۇ ھۆججەتلىك فىلىم گوللاندىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسى تەرىپىدىن بېرىلگەندىن كېيىن گوللاندىيىدە قانداق تەسىر ياراتتى؟ بۇ فىلىم ياۋروپانىڭ باشقا دۆلەتلىرىدىمۇ كۆرسىتىلمەكچىمۇ؟ بۇ فىلىمنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قانداق تەسىرى بولار دېگەنگە ئوخشاش بىر يۈرۈش سۇئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن مىكروفونىمىزنى گوللاندىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى باش كاتىپى تەشكىلات باياناتچىسى غەيرەت روزى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرگە ئۇزاتتۇق.
