گوللاندىيىدىكى ئىپتارلىق يىغىلىشتا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە فىلىم كۆرسىتىلدى

4-ئاۋغۇست گوللاندىيىنىڭ ھارلىم شەھىرىدىكى «سەلمىيە جامەسى» گە يىغىلغان ئىپتارچىلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ دىنىي، مىللىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەلىرى چۈشەندۈرۈلگەن فىلىمنى كۆرۈپ، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ۋەتىنى ھەققىدىكى مەلۇماتلىرىنى تولۇقلىدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2012-08-06
Share
Gollandiye-dini-telim-305.jpg گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار كېچىلىك ئىبادەتلىرىدە دىنى تەلىم ئالماقتا. 2012-يىلى ئاۋغۇست.
RFA/Pida’iy

گوللاندىيىدىكى «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە 100 گە يېقىن ئۇيغۇردىن باشقا، «سەلمىيە جامەسى» نىڭ 300 گە يېقىن تۈرك ئەر-ئايال جامائىتىمۇ قاتناشتى.ئىپتارچىلار ئىپتار ۋاقتىنى كۈتمەكتە. 2012-يىلى 4-ئاۋغۇست، گوللاندىيە.

«ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» نىڭ ۋەكىلى ئىپتار مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇزۇندىن بىرى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان «سەلىمىيە جامەسى» نىڭ جامائەتلىرىگە رەھمىتىنى بىلدۈردى. ئۇيغۇر پولۇسى ۋە ئۇيغۇر سۇيۇقئاشلىرى بىلەن غىزالانغان ئىپتار ئەھلىمۇ ئۇيغۇرلارغا رەھمەت ئېيتىپ، بەرىكەتلەر تىلىدى ھەمدە شام، خۇپتەن ۋە تەراۋىھ نامازلىرىنى بىرگە قىلىپ، ئۆيلىرىگە قايتىشتى.

كېيىن 50 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر «سەلمىيە جامەسى» دە تۈنەپ، ناماز، قىرائەت، ۋەز-نەسىھەت ۋە دۇئالار بىلەن دەۋر قىلغان ئىبادەتلىرىنى، تاكى سوھۇرلۇق ۋاقتىغىچە داۋام قىلدى. سەھەر سوھۇرلۇقتىن كېيىن بامدات نامىزىنى ئوقۇپ، ئاندىن تارقىلىشتى.
كېچە ناماز ئارىلىرىدىكى دۇئالىرىدا ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى ۋەتەنداشلارنىڭ ھەققىدىمۇ دۇئالار قىلىندى. بولۇپمۇ، 2008-يىلى 4-ئاۋغۇست قەشقەر شەھىرىدە خىتاي ئارمىيىسىگە ھۇجۇم قىلغان ئابدۇراخمان ئازاد بىلەن قۇربانجان ھىمىتلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرى ئالاھىدە ياد قىلىندى.

مۇناسىپ يەرلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىش مەقسىتى بىلەن، رامزان ئېيىدا ئادا قىلىنىشقا تېگىشلىك «پىتىر سەدىقىسى» توپلاندى. زاكات ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىبادەتلەرگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە دۇچ كەلگەن سوئاللارغا، جاۋابلار بېرىلدى.

«ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» ھەر يىلى رامزان ئايلىرىدا مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ، گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى خۇشال قىلماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە ئالدىمىزدىكى شەنبە كۈنى ئۇلار، بارلىق ئابىتلار ئۈچۈن پۇرسەت دېيىلىدىغان «شەبى قەدىر كېچىسى» دىكى پەزىلەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، يەنە بىر قېتىملىق پائالىيەت تەشكىللەيدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت