ئالئەركنىڭ ئارزۇسى گوللاندىيە تېلىۋىزىيىسىدە

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۇيغۇرلارغا ئەڭ چوڭ تەسىر قىلغان شۇنداقلا دۇنيا مەتبۇئاتىدىمۇ ئەڭ كۈچلۈك دىققەت تارتقان ۋەقە بولدى.

0:00 / 0:00

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن

گوللاندىيە دۆلەتلىك تېلىۋىزىيىسىنىڭ ئۆسمۈرلەر قانىلىOpens in new window ]

9 - ئىيۇل كۈنى، گوللاندىيىدىكى ئالئەرك ئىسىملىك ئۇيغۇر ئۆسمۈرنى زىيارەت قىلىپ، مەخسۇس پروگرامما تارقاتقان بولۇپ، ئالئەركنىڭ ۋەتىنى شەرقىي تۈركستاندىكى ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرىنىڭ ۋەزىيىتى ھەم ئارزۇسى ھەققىدە قىلغان سۆزلىرى گوللاندىيىدە مەزكۇر پروگراممىنىڭ بىر مىليونغا يېقىن كۆرۈرمەنلىرى ئارىسىدا چوڭقۇر تەسىر قوزغىغان.

ئالئەرك گوللاندىيىدىكى ئۆسمۈرلەرگە قانداق يۈرەك سۆزلىرىنى بايان قىلدى؟ ئۇ يېقىندا ۋەتىنىدە يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇل ۋەقەسى ھەققىدە نېمىلەرنى ئويلاۋاتىدۇ؟ بۇنى مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ ئالئەرك بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرىسىدىن ئاڭلايلى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.