ئامستېردامدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بۇ ھېيت نامىزىنى ئۆزلىرىنىڭ مەسچىتىدە ئوقىدى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئايىمىڭلار مۇبارەك بولسۇن! دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار، جايلاردىكى ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ۋە ياكى ئەتراپتىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان قېرىنداشلار بىلەن بىرگە مۇبارەك روزا ھېيتنى خوشال خورام كۈتۈۋالدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2008.10.02
Gollandiye-uyg-jamaiti-305.jpg ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﻪ ﺋﺎﻣﺴﺘﯧﺮﺩﺍﻣﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﺎﻣﺎﺋﯩﺘﻰ، ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﯖﯩﻼ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻫﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﯞﻩ ﻫﯧﻴﺘﻨﻰ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪﺵ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ.
RFA Photo / Gulchehre

گوللاندىيە ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن بۇ ھېيت يىللاردىكىدىنمۇ ئەھمىيەتلىك ئۆتتى، چۈنكى ئامستېردامدىكى ئۇيغۇر جامائىتى، گوللاندىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەرىپىدىن يېڭىلا قۇرۇلغان ئالتاي مەسچىتىدە تۇنجى ھېيت نامىزىنى بىرگە ئوقىدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە گوللاندىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ باش كاتىپى غەيرەت ئەپەندى ھەمدە گوللاندىيىدىكى تۇنجى ئۇيغۇر مەسچىتى بولغان ئالتاي مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئابدۇللا قارى قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ بۇ سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ مەزمۇنلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.