گوللاندىيىدە ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا نارازىلىق بىلدۈردى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ
2009.09.18
2009.09.18
خىتايلار بۇ تەشۋىقات پائالىيىتىگە تەكلىپنامىسىز باشقىلارنىڭ كىرىشىنى قاتتىق توسىغان. ئۇلار تەشۋىقات زالىغا يىغىن مەركىزىنىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچى خادىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرغاندىن سىرت يەنە، ئىشىك ئالدىغا خىتاي ئەلچىخانانىسى ئۆز ئادەملىرىنىمۇ قوغدىغۇچى قىلىپ ئورۇنلاشتۇرغان.
بۇ پائالىيەتتىن خەۋەر تاپقان گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان بىرقىسىم ئۇيغۇرلار ، تىبەتلىكلەر ۋە ئىنسان ھەقلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر قىسىم گوللاندىيىلىكلەر خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان بىنا ئالدىغا بېرىپ ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتلىرىغا قارىتا نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭغا قارىتا نارازىلىق ئىنكاستا بولغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئامانلىق ساقلىغۇچى خادىملارنى ئىشقا سېلىپ ، نارازلىق بىلدۈرۈۋاتقانلارنى قوغلىۋەتمەكچى بولغان، بۇ ئارىدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سۈركىلىش پەيدا بولغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات پائالىيىتىگە دەنئاخ شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ سىرتتىكى ئەھۋاللاردىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن نارازلىق پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلارنىڭ ئالىدىغا چىقىپ ئۇلار بىلەن سۆھبەتتە بولغان. مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەشۋىقات پائالىيىتى - 28 سېنتەبىرگىچە گوللاندىينىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە داۋاملىشىدىكەن.
نەق مەيداندىكى ئەھۋاللارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن غەيرەتجان رۇزى بۇ ھەقتە بىزگە تەپسىلى مەلۇمات بەردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.