خىتاي دېموكراتچىلىرى ئۆز بايانىدا، زاۋۇتتىكى خىتايلارنىڭ پەقەتلا 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى " جەنۇبىي دىيار " تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان " 6 نەپەر ئۇيغۇر 2 نەپەر خىتاي قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلدى" دېگەن قۇتراتقۇلۇق خاراكتېرى ئېغىر بولغان ساختا ئۇچۇرغىلا تايىنىپ 25 - ئىيۇن كېچىسى كوللېكتىپ ھالدا توپلىنىپ، زاۋۇتتىكى ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنىڭ ياتىقىغا باستۇرۇپ كىرىپ، كالتەك - توقماقلار بىلەن ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇپ، ھەتتا ئۆلۈم ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىغا قارىتا ئۆزلىرىنىڭ قاتتىق ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، ئامېرىكىدىكى خىتاي دېموكراتچىلىرىدىن خوڭكۇڭدا چىقىدىغان "يۆنىلىش" ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى جاڭ ۋېيگو ئەپەندى ئالدى بىلەن بۇ ۋەقەدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئادەم ئۇرۇشقا قاتناشقان خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ بۇ خىل ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ياۋۇزلۇقىنى ئۆزىنىڭ قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
جاڭ ۋېيگو ئەپەندى بۇ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىدا، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان خىتاي ياشلىرىغا سىڭدۈرۈۋاتقان " چوڭ خىتايچىلىق" ئىدىيىسى بىلەن بىللە، ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدە، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاستىلىرىدا مىللىي باراۋەرلىك تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرلارنى "مىللى بۆلگۈنچى"، "تېررورچى"، " دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان " دەپ تەشۋىق قىلسا، تىرىكچىلىك غېمىدە ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ياشاشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى " ئوغرى"، "يانچۇقچى" دېگەنگە ئوخشاش ھاقارەتلىك نام بىلەن ئاتاپ، خىتاي خەلقىگە ئۇيغۇرلار توغرىلىق تەتۈر تەشۋىقات يۈرگۈزۈپ مىللىي مەسىلىنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋەتتى دەپ قاراپ، ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇخىل ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
جاڭ ۋېيگو ئەپەندى بۇ ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىدە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتىدىن باشقا يەنە، خىتاي مىللىتىنىڭ تارىختىن بۇيان شەكىللەنگەن ئۆز خاراكتېرىدىكى ئۆزىدىن باشقا مىللەتلەرنى كەمسىتىشتەك پىسخىك ئامىل سەۋەب بولغان دەپ قارايدىغانلىغىنى بايان قىلدى.
جاڭ ۋېيگو ئەپەندى، بۇ قېتىملىق قانلىق ۋەقەدىكى خىتاي ئىشچىلىرىنى بۇ قەدەر رەھىمسىز قىلىۋەتكەن سەۋەب، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ 60 يىلدىن بۇيان ئېلىپ بارغان سىنىپىي كۈرەش تەربىيىسى، خىتاي مىللىتىدە ئەسلىدىنلا ئاجىز بولغان دىنىي ئېتىقادنىڭ سۇسلۇقى ۋە خىتايدا بۇ يىللاردا تېخىمۇ كۈچەيگەن شەخسىيەتچىلىك ھەمدە نۆۋەتتە دۇنيا مىقياسىدا پارتلىغان ئىقتىسادى بۆھران شارائىتىدا، خىتايدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئېشىپ بېرىشى قاتارلىقلاردۇر دەپ كۆرسەتتى.
جاڭ ۋېيگو ئەپەندى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر يۈرگۈزۈۋاتقان ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشنىڭ ئەمەلىيەتتە، خىتاينىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن قالغان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى، خىتاي دېموكراتچىلىرىنىڭ بۇ قىلمىشنى ئەيىبلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
جاڭ ۋېيگو ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىل تەڭسىزلىك سىياسىتىنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا خىتاينىڭ ئۆزىنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي زىيالىيلىرىنى بۇ ئىشقا نىسبەتەن سەگەك پوزىتسىيىدە بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ خىل ئىنسانىيەتكە ئاپەت ئېلىپ كېلىدىغان قىلمىشتىن توسۇشقا چاقىردى.