گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن يەنە بىر قانلىق ۋەقە - فوشەن ۋەقەسى بايقالماقتا

26 ‏- ئىيۇن شاۋگۈەن ۋەقەسى يۈز بەرگەن كۈنى، گۇاڭدۇڭنىڭ فوشەن شەھىرىدىمۇ ۋەقە چىققانلىقى، بۇ ۋەقەدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە يارىدار بولغانلىقى ھەققىدە رادىئومىزغا بىر ئىنكاس كەلدى. ئىنكاستا بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋەقەدە 12 ئۇيغۇر ئۆلگەن، 7 ئۇيغۇر يارىلانغان.

0:00 / 0:00

بۇ مەلۇماتنى نوۋەتتە فوشەن ساقچى دائىرىلىرى رەت قىلماقتا. ئەمما ئىنكاستىكى مەلۇماتلار، ۋەقە ئۈستىدە چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدۇرماقتا.

مۇشۇ ئاينىڭ 4 ‏ - كۈنى گۇاڭجۇ شەھىرىدە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر قىزى چەتئەلدىكى بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بىلەن ئىنتېرنېت چايخانىسىدا كۈرۈشۈپ، مەزكۇر ۋەقەنى سۆزلەپ بەرگەن.

تۆۋەندە ئالدى بىلەن مەزكۇر سۆھبەتنىڭ ئاۋاز خاتىرىسىگە قۇلاق سالغايسىلەر:

سوئال: بايا xx چايخانىسىدا، بەزى مەلۇماتلارنى بېرىۋاتاتتىڭىز، سۆزىڭىز كېسىۋېتىلدى. شۇ ۋەقەنى ماڭا سۆزلەپ بېرىشنى خالامسىز؟

جاۋاب : بولىدۇ سۆزلەپ بېرەي. بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدا قەشقەرنىڭ بالىلىرى بىلەن مۇشۇ ئىچكىرىدە - مېنىڭ ئارىلىقىم بىر سائەتلىك يول، خەنزۇلار ئارىسىدا ئازراق ئىشلار بولۇپ، خەنزۇلار چانىۋەتكەن گەپ؛ 12سى ئۆلدى... 12 ئۇيغۇرنى چاناپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. يەتتىسى يارىدار.

سوئال: ئۆلگەن 12سى ئۇيغۇرمۇ؟

جاۋاب: ھەئە. يەنە 7سى بار دوختۇرخانىدا.

سوئال: نەدە بولغان ئىش بۇ؟

جاۋاب: گۇاڭدۇڭ فوشەن. گۇاڭدۇڭنىڭ فوشەن دېگەن يېرىدە.

سوئال: بۇ ئاشكارىلانغان ئىشمۇ، ياكى كۆمۈلۈپ قالغان ئىشمۇ؟

جاۋاب: ھەئە ئاشكارىلاندى، بۇ يەردە ئۇيغۇر ساقچىلار بار ئەمەسمۇ، ھەممىسى باردى. جۈمە كۈنى نامىزىغا ھەممسى باردى. ئۇقمىغانلار ماۋۇ جۈمە كۈنى يەنە بارىدىغان بولدۇق. مايەردە رېستۇران ئاچىدىغان چوڭ بىر ئاكاش با ئەمەسمۇ، ئاشۇ ئۇقمايدىغان ئۇيغۇرلارغا ھەممىسگە ئۇقتۇردى. ماۋۇ جۈمە كۈنى بارىدىغان بولدۇق. مايەردە گۇاڭدۇڭ تەۋەسىدە دىيەنشىدە ئېلان قىلمىدى. ئەمما ئاشكارىلاندى.

سوئال : ۋەقەنىڭ سەۋەبى نېمە ئىكەن؟ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر بالىلارنى ئۆلتۈرۈپتۇ؟

جاۋاب: ئۇنى ئۇقۇپ كەتمىدىم، قارا جەمئىيەتلەر دەمدۇق، شۇلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىر ئىشلار چىقىپ، ماندا بىر بولغان ئىش ئىكەن.

سوئال: دېمەك 12 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلگىنى ئېنىق دەڭ؟

جاۋاب: ھەئە، يەنە يەتتىسى بار دوختۇرخانىدا ئېغىر.

سوئال: ئۆلگەنلەر ئارىسىدا خەنزۇلارمۇ بارمىكەن؟

جاۋاب: يوق.

سوئال : بۇ قاچان يۈز بەرگەن ئىش؟

جاۋاب : 8 كۈننىڭ ئالدىدا، 8 كۈن، بۈگۈن 8 ‏ - كۈنى.

سوئال: گۇاڭدۇڭدا دېدىڭىزمۇ؟

جاۋاب: گۇاڭدۇڭ فوشەن

سوئال: ھۆكۈمەت قانداق بىر تەرەپ قىلماقچى ئىكەن ؟

جاۋاب: ئۇنى ئۇقمىدىم، بۇ يەردىكى ھەممە پەيچۇسولاردا ئۇيغۇر ساقچىلار بار، شۇلار يىغىلىپ بېرىپ تەكشۈرۈپ كەلدى. ئۇلار قانداق نېمىگە كەلدى، مەن ئۇقمايمەن. لېكىن مەن كۈردۈم، تەيپىڭجيەن دەمدا؟ شۇ يەرگە كىرىپمۇ كۆردۇق، توڭلىتىپ قويۇپتۇ.

سوئال: ھۆكۈمەت بۇنى يوشۇرماقچى ئوخشىمامدۇ؟

جاۋاب : ھەئە. بۇ خىتايلار شۇنداق ئويلايدۇ، بىلمىسۇن دەپچۇ، لېكىن ئاشكارىلىنىپ بولدى، لېكىن ئۇيغۇر ساقچىلار جىق تۇرسا. مۇمكىن ئەمەس يوشۇرۇپ بولالمايدۇ.

سوئال: ئۇيغۇر ساقچىلار قانداق قاراۋاتىدۇ بۇ ئىشقا؟

جاۋاب: مېنىڭ بىر ساقچى دوستۇم بار. بىراق بۇ بىر خىزمەت، ماڭا دېمەيدۇ. ئەمما ماندا قارىسام، بۇ ئىشنى ياخشى بىر تەرەپ قىلغۇسى بار.

سوئال: رەھمەت، مۇھىم ئۇچۇر بەرگىنىڭىز ئۈچۈن.

جاۋاب: سىزگىمۇ رەھمەت، مېنىڭ ئىسمىم xx، xx دا ئىشلەيمەن.

سوئال: چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا دەيدىغان گېپىڭىز بارمۇ؟

جاۋاب: مەن خەنزۇچە ئوقۇغان، ئۇيغۇرچىنى ياخشى سۆزلىيەلمەن، ھەممە ئۇيغۇرلارنىڭ سالامەت بولۇشىنى خالايمەن.

بىز مەزكۇر ۋەقەنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ فوشەن شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچى تەرەپ ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى؛ يەنى يېقىن مەزگىل ئىچىدە، بۇ شەھەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

فوشەندىكى ئىككى دوختۇرخانىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، بۇ دوختۇرخانىلارنىڭ چوڭ دوختۇرخانا ئىكەنلىكى، ئىسىملىكى بولماي تۇرۇپ، يارىدارالارنى ئېنىقلىغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىز يەنە فوشەنگە يېقىن بولغان شېنجېن شەھىرىدىكى بىر ئۇيغۇردىن ئەھۋال ئىگىلىدۇق. ئۇ بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ گۇاڭدۇڭدا دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا قارشى ساقچىلار بىلەن قارا جەمئىيەتنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئالدىنقى كۈنى ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان گۇارديان گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شاۋگۈەندىكى بىر خىتاي پۇقراسى، ئۆزىنىڭ شاۋگۈەندىكى قانلىق ۋەقەگە بىۋاستە قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەم شاۋگۈەن ۋەقەسىدە 2 كىشى ئۆلدى دېگەن خەۋەرنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن: " كۆزىمىز كۆرگەن ئۇيغۇرنى ئۇردۇق؛ كارۋاتنىڭ ئاستىغا مۆكۈۋالغانلىرىنىمۇ تارتىپ ئاچىقىپ ئۇردۇق. ئارقىدىن جەسەتلەرنى بىر يەرگە توپلاپ قويۇپ كەتتۇق. مەن ئاز دېگەندە 7 - 8 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم".

نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى پۈتۈن خىتايدا سەزگۈر بىر تىما بولۇپ تۇرماقتا. ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلار قاتتىق كونترول قىلىنماقتا. يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، فوشەندىكى ۋەقە خىتاي قارا جەمئىيەت ئەزالىرى بىلەن شۇ يەردىكى ئۇيغۇر يايمىچى ياكى ئۇششاق تىجارەتچىلەر ئارىسىدا يۈز بەرگەنلىكى ئېھتىمالغا يېقىن كۆرۈلمەكتە. ۋەقە شاۋگۈەن ۋەقەسى بىلەن بىر كۈندە يۈز بەرگەن، ئەمما ۋەقەنىڭ شاۋگۈەن ۋەقەسى بىلەن ئالاقىسى بار - يوقلۇقى سىر ھالەتتە تۇرماقتا.