گۇاڭدۇڭدىكى ۋۇكەن مەھەللىسىدىن كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى پۈتۈنلەي قوغلاپ چىقىرىلدى

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى ۋۇكەن مەھەللىسىدىن كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى پۈتۈنلەي قوغلاپ چىقىرىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەھەللىنى مۇھاسىرىگە ئېلىۋالغان، مەھەللىنىڭ يېمەك، سۇ تەمىناتى ئۈزۈپ تاشلانغان.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2011.12.15
guangdong-xitay-namayish-305.jpg خىتاي ساقچىلىرى لىچۈەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت قورۇسىنىڭ دەرۋازىسىنى توسماقتا. 2011-يىلى 9-ئىيۇن.
AFP

«ۋولت ستېرت» گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى ۋۇكەن مەھەللىسىنى قوراللىق ساقچى قىسىملىرى بىلەن مۇھاسىرىگە ئېلىۋېلىپ، بۇ مەھەللىنىڭ يېمەك، سۇ تەمىناتىنى ئۈزۈپ تاشلىدى. بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن جەمئىيەتتىكى مۇقىمسىزلىقنى بىر تەرەپ قىلىش مودېلى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ جىددىيلىك ۋۇكەن مەھەللىسىدە نامايىش قىلغان خەلقنىڭ بىر ۋەكىلى تۈرمىدە ئۆلگەنلىكى ئۈچۈن خەلق قاتتىق غەزەپكە كەلگەن، خىتاي ئەمەلدارلىرى خەلقنىڭ غەزەپ-نەپرىتىدىن قورقۇپ مەھەللىنى تاشلاپ قاچقان ئەھۋال ئاستىدا يۈز بەرگەن. بۇنىڭدىن كېيىن خەلقنىڭ، دېموكراتىك سايلام بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرى بولۇۋالغان كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىغا قوللىنىدىغان ئاخىرقى چارىسىمۇ مۇشۇنداق بولۇش ئېھتىمالى بار.

«خىتايغا نەزەر تور گېزىتى»نىڭ بايان قىلىشىچە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى لۇفېڭ شەھەرچىسىگە تەۋە ۋۇكەن مەھەللىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى تېرىلغۇ يەرلەرنى سىرتقا سېتىشقا باشلىغاندىن كېيىن، بۇ مەھەللىدە كوممۇنىست پارتىيە سېكرېتارلىرى، مالىيە خادىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ھەشەمەتلىك تۇرالغۇلىرى پەيدا بولۇپ، كوممۇنىستلار بىلەن ئاۋامنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي پەرق ناھايىتى تېز چوڭلاپ كەتكەن. بۇ مەھەللىدىكى ئاۋام خەلق ئادالەتسىزلىككە قارشى نارازىلىق ئىپادىلەشكە باشلىغان. خەلق بۇ مەھەللىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ئاخىرقى بىر قىسمى بۇ يىل 9‏-ئايدا پۈتۈنلەي سېتىلىپ بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، قاتتىق غەزەپلىنىپ، يەر-زېمىنىنى ھەرگىز بىركىمگە بەرمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ نامايىش قىلىشقا باشلىغان.

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، ۋۇكەن مەھەللىسىدە ھۆكۈمەتنىڭ يەرلەرنى تارتىۋېلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن نامايىشچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوراللىق قىسىملىرى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم ھاقارەتلەنگەندىن كېيىن، ئاخىر ئۆتكەن ھەپتىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىڭ كىشىلىك قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى مەغلۇپ قىلغان. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان بۇ مەھەللىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كېلىۋاتقان خىيانەتچى كوممۇنىست پارتىيە سېكرېتارلىرىنى قوغلاپ چىقارغان. شۇنىڭدىن كېيىن 20 مىڭغا يېقىن نوپۇسى بار بۇ بېلىقچىلار مەھەللىسى كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بولمىغان مەھەللىگە ئايلانغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى ۋۇكەن مەھەللىسىنى مۇھاسىرىگە ئېلىۋالغاندىن كېيىن، ھازىر بۇ مەھەللىدىكى قوزغىلاڭچىلار ئۆز مەھەللىسىنى قاتتىق مۇھاپىزەت قىلىپ، مەھەللىنىڭ مەمۇرى يىغىن زالىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. مەھەللىدە يايما-دۇكانلار ئوچۇق. تىجارەت قىلىدىغان ئاشخانىلارمۇ ئوچۇق. بۇ مەھەللىدىكى بىر تىجارەتچىنىڭ خوڭكوڭ ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىگە ئېيتىشىچە، ۋۇكەن مەھەللىسىدىكى دېھقانلار يەرلىرىنى ھۆكۈمەتتىن پۈتۈنلەي قايتۇرۇپ ئالمىغىچە كەينىگە چېكىنمەيدىكەن، ئەمما بۇ مەھەللىنىڭ ھازىرقى يېمەك، سۇ زاپىسى ئاران ئون كۈنگە يېتىدىكەن، سىرتتىن موتوسكىلىت بىلەن يېمەك ۋە سۇ توشۇپ كېلىدىغان چارىمۇ مەسىلىنى قىسىمەن ھەل قىلالىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ، ھازىر مەھەللىدىكى خەلقنى كۈتۈپ تۇرغان بىر چوڭ رىقابەت ئىكەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇكەن مەھەللىسىدىكى يەر-زېمىنى بۇلاپ كېتىلگەن دېھقانلارنىڭ قوزغىلىڭىنى «چېگرا سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن» دېگەن تۆھمەتنى قوللىنىپ باستۇرماقچى بولغان، شۇنداقلا بۇ مەھەللىدىن ھۆكۈمەت بىلەن سۆھبەتلىشىشكە ئەۋەتىلگەن ۋەكىللەرنى، ئاياللار تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى ساقچىخانىغا سولىۋالغان. ئۇلارنى «قوزغىلاڭ پەيدا قىلغۇچىلار» دەپ جازالىماقچى بولغان.

بۈگۈن بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، فىرانسىيە ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ۋۇكەن مەھەللىسى مۇھاسىرىگە ئېلىنغاندىن بۇيان نەق مەيداندىن تارتىلغان نامايىش كۆرۈنۈشلىرىنى ئېلان قىلدى. «نيۇيورك تايمىس»، «تېلېگراف» قاتارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىمۇ خەۋەر، مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلدى. ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ۋۇكەن مەھەللىسىدىكى دېھقانلارنىڭ شوئارى باشتىن-ئاخىر «خىيانەتچى-چېرىك ئەمەلدارلارنى يوقىتىمىز»، «يەر-زېمىننى قايتۇرۇپ ئالايلى»، «باشلىقنى ئۆزىمىز سايلايلى» دېگەندىن ئىبارەت.

بۈگۈن «خىتايغا نەزەر تور گېزىتى»دە ۋۇكەن مەھەللىسىنىڭ مۇھاسىرىگە ئېلىنغانلىقى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان مۇنازىرىلەردە، خىتايدا دېموكراتىيىنى تىنچلىق بىلەن قولغا كەلتۈرۈش ئېھتىمالغا يېقىن ئەمەس، ۋۇكەن مەھەللىسىنىڭ كوممۇنىست پارتىيىنى قوغلاپ چىقىرىش مودېلى ئەقىلگە مۇۋاپىق دېگەن كۈز قاراش ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.