يەنە ئىككى نەپەر ئۇيغۇر گۇەنتانامودىن قويۇپ بېرىلدى
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2012.04.20
2012.04.20
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ 19 - ئاپرىلدىكى باياناتىدا ئابدۇلرازاق قادىر ۋە ھامماد مەمەت ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇرنى گۇەنتانامو قولتۇقىدىن سالۋادورغا يۆتكىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
2001 - يىلى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ گۇەنتانامو تۈرمىسىگە قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى جەمئىي 22 كىشى بولۇپ، ئۇلاردىن تۆت نەپىرى ئالبانىيىگە، بىرسى شىۋېتسىيىگە، ئىككىسى شىۋېتسارىيىگە، تۆت نەپىرى بېرمۇداغا، ئالتە نەپىرى پالاۋغا ئورۇنلاشقان ئىدى. بۇ قېتىم يەنە ئىككى نەپەر ئۇيغۇر سالۋادورغا ئورۇنلىشىپ، گۇەنتانامو تۈرمىسىدە يەنە ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر قالدى.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى روشەن ئابباس خانىمنىڭ 19 - ئاپرىل كەچتە بىلدۈرۈشىچە، ئابدۇلرازاق قادىر ۋە ھامماد مەمەت ئىسىملىك بۇ ئىككى ئۇيغۇر 33 - 34 ياشلاردا بولۇپ، ئۇلار سالۋادورغا بېرىشتىن ئىلگىرىلا ھەربىيلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن گۇەنتانامودا ئىسپان تىلى ئۆگىنىشكە باشلىغان. ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتىنىڭ روشەن ئابباس خانىمغا ئېيتىشىچە، 19 - ئاپرىل كۈنى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئايروپىلانى بىلەن سالۋادورغا چۈشكەن ئابدۇلرازاق قادىر ۋە ھامماد مەمەتلەر چىرايلىرىغا كۈلكە يۈگۈرگەن ھالدا ئەركىن نەپەس ئېلىپ، يېڭى ھاياتنى كۈتۈۋالغان. ئابدۇلرازاق قادىر ۋە ھامماد مەمەتلەر ئامېرىكا فېدىرال سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 2008 - يىلى 7 - ئايدا گۇناھسىزلىقى ئىسپاتلانغان 17 ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدە ئىدى.
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى، بۇ ئىككى ئۇيغۇرنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىدىن كۆپ خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىنىڭ سۈيىقەستلىرىنىڭ بەربات بولغانلىقىنى، ئۆز - ھەق ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرەشكەن ئىنسانلارنىڭ ھېچقاچان تېررورچى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
20 - ئاپرىل ب ب س قانىلىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، «خىتاي ھۆكۈمىتى گۇەنتانامو تۈرمىسىدىكى بۇ 22 نەپەر ئۇيغۇرنى قايتۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن كۆپ تېرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، مەقسىتىگە يېتەلمىدى» دەپ يازدى. گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى 20 - ئاپرىلدىكى خەۋىرىدە «ئۇلار مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ئىدى. خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن بولسا قاتتىق جازاغا ئۇچرايتتى، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى» دېدى. سالۋادورنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 19 - ئاپرىل كۈنى ئاخبارات ساھەسىگە بۇ ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلغانلىقىنى تەستىقلىدى. ئەمما خىتاي تەرەپ 20 - ئاپرىل چۈشكىچە بۇ ھەقتە ئىنكاس بىلدۈرمىدى.
ئېنىق بولغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، گۇەنتانامو تۈرمىسىگە قامالغان بۇ 22 نەپەر ئۇيغۇر ئافغانىستاندا ئەسكىرىي تەربىيە كۆرگەن كىشىلەر بولۇپ، خىتايغا قارشى كۈرەش قىلىپ، ئۆز ۋەتىنىنى ئازاد قىلىش يولىنى تاللىغانلاردۇر. بۇ سەۋەبلىك خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى تېررورچىلار ھېسابىدا ساناپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما ئامېرىكا فېدىرال سوتى «دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس» دەپ ھۆكۈم چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ گۇناھسىزلىقىنى تەستىقلىغان. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، بۇ ئۇيغۇرلارنى باشقا دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش توسالغۇلارغا ئۇچراپ كەلگەن. گۇەنتانامو تۈرمىسى ۋە ئۇ يەرگە قامالغان مەھبۇسلار مەسىلىسى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى جىددىي كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن مەسىلە بولغاچقا، بۇ يەرگە قامالغان 22 ئۇيغۇر خەلقئاراغا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ تونۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان.