گۈەنتانامو دىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئادۋۇكاتى سېيبىن ۋەلىت بىلەن سۆھبەت (2)

ئۆتكەن جۈمە كۈنى ۋاشىنگتون رايونىدىكى ئامېرىكا فېدېرال ئەرزىيەت سوت مەھكىمىسى، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنستىرلىقىنىڭ گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ بېرى بولغان پەرھات ھۇزەيفەنى دۈشمەن جەڭچىسى دەپ بېكىتكەن قارارىنى رەت قىلدى. فېدېرال ئەرزىيەت سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىدا، پەرھاتنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ياكى ئۇنىڭ ئەھۋالىنى قايتىدىن كۆرۈپ چىقىش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات خەۋىرى
2008.06.27
GuantanamoBay-305 ﮔﯘﻩﻧﺘﺎﻧﺎﻣﻮ ﺗﯜﺭﻣﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﻗﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
AFP Photo
 گۈەنتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى سوتتا ئاقلاش بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكا سىياسەتچىلىرىنىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارغا ئامېرىكىدا ياشاش پۇرسىتى بېرىش توغرىسىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشى ئۈچۈن جىددىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان سېيبىن ۋەلىت ئەپەندى، پەرھات ھۇزەيفەنى ئامېرىكا فېدېرال ئەرزىيەت سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىدىن خەۋەرلەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

سوئال : ھۆرمەتلىك سېيبىن ۋەلىت ئەپەندىم، سۆھبىتىمىزنىڭ بېشىدا سىز، پۈتۈن ئۇيغۇرلار شۇنىڭدەك پۈتۈن دۇنيا فېدېرال ئەرزىيەت سوت مەھكىمىسىنىڭ پەرھات ھەققىدىكى قارارىدىن خەۋەردار بولدى. لېكىن پەرھات ھازىرغىچە، ئۆزىنىڭ سوتتا قولغا كەلتۈرگەن غەلىبىسىدىن خەۋەرسىز تۇرۇۋاتىدۇ، دېدىڭىز. پەرھاتنى سوتنىڭ قارارىدىن خەۋەرلەندۈرۈش ئۈچۈن قانداق تەشەببۇسلاردا بولۇۋاتىسىز؟ بۇ ھەقتە بىر ئاز مەلۇمات بېرەمسىز؟

جاۋاب : بىز پەرھاتنى سوتنىڭ قارارىدىن خەۋەرلەندۈرۈش ئۈچۈن ھازىرغىچە ئىككى تۈرلۈك تەشەببۇستا بولدۇق. بىرىنچىسى، پەرھاتقا بىر خەت يازدۇق. ئادەتتە بۇ خەتنىڭ پەرھاتنىڭ قولىغا يېتىپ بېرىشى ئۈچۈن ئىككى، ئۈچ ھەپتە ۋاقىت كېتىدۇ. ئىككىنچىدىن، بىز گۈەنتانامو تۈرمىسىدىن پەرھات بىلەن تېلېفون ئارقىلىق سۆزلىشىشمىزگە رۇخسەت بېرىشىنى تەلەپ قىلدۇق. لېكىن گۈەنتانامو تۈرمە دائىرىلىرى ھازىرغىچە بىزگە پەرھات بىلەن تېلېفون ئارقىلىق كۆرۈشۈش ئۈچۈن رۇخسەت بەرمىدى. ئۈچۈنچى، تۈرمە دائىرىلىرىنىڭ پەرھات بىلەن تېلېفون ئارقىلىق كۆرۈشىشىمىزگە رۇخسەت بېرىشى توغرىسىدا سوتتىن قارار چىقىرىش ئۈچۈن سوتقا ئەرز سۇنۇشقا تەييارلىنىۋاتىمىز. لېكىن سوتنىڭ بۇنداق قارار چىقىرىدىغان - چىقارمايدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.

سوئال : ھۆرمەتلىك ئەپەندىم، يۇقىرىدا فېدېرال ئەرزىيەت سوت مەھكىمىسىنىڭ پەرھات توغرىسىدىكى قارارى گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان باشقا ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئەھۋالىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى سورىغان ئىدىم. لېكىن بۇ سۇئالىمغا ئېنىق بىر جاۋاب ئالالمىدىم. بۇ ھەقتە بىر ئاز توختالسىڭىز؟

جاۋاب : بىزنىڭ قارىشىمىزچە، سوتنىڭ پەرھات ھەققىدىكى قارارى گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان پۈتۈن ئۇيغۇر مەھبۇسلار ئۈچۈن بولمىسىمۇ، تۈرمىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق قىسىمىغا پەرھاتنىڭكىگە ئوخشاش بىر نەتىجە ئېلىپ كېلىشى كېرەك. لېكىن سوتنىڭ بۇ مەسىلىدە بىز بىلەن بىر قاراشتا بولغان - بولمىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

سوئال : ئەپەندىم، نۆۋەتتە گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قانچە نەپىرى قويۇپ بېرىلىشكە تەييار تۇرۇۋاتىدۇ. ياكى ئۇلارنىڭ قانچە نەپىرى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس دەپ بېكىتىلگەن؟

جاۋاب : بۇ بىر - بىرىدىن پەرقلىق ئىككى سوئال. ھۆكۈمەتنىڭ قارىشىچە گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەھبۇسلارنىڭ ھەممىسى دۈشمەن جەڭچىسى. لېكىن ھۆكۈمەت بەزى دۈشمەن جەڭچىلىرىنى شەپقەت ۋە ئىلتىپات يۈزىسىدىن قويۇپ بېرىشنى قارار قىلغان. دېمەك ھۆكۈمەت، گەرچە مەجبۇر بولمىسىمۇ. بەزى دۈشمەن جەڭچىلىرىنى قويۇپ بېرىشكە رازى بولغان. ئەمدى پەرھات ئامېرىكا فېدېرال ئەرزىيەت سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمى بىلەن دۈشمەن جەڭچىسى دېگەن قېلىپتىن چىقىپ كەتتى. ئۇمۇ بىر نەچچە يىل بۇرۇنلا قويۇپ بېرىلسە بولىدىغان مەھبۇسلار كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزۈلگەن ئىدى. دېمەك، گۈەنتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلسە بولىدۇ دېگەن تىزىملىككە كىرىشنىڭ ئانچىلا ئەھمىيىتى يوق. چۈنكى ئۇلارنى قوبۇل قىلىدىغان ھېچقانداق دۆلەت يوق. مېنىڭ بىلىشىمچە، گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ پەقەت بىر نەپىرىلا ھازىرغىچە قويۇپ بېرىلسە بولىدۇ، دېگەن كاتېگورىيىگە كىرەلمىگەن. قالغانلارنىڭ ھەممىسى مەزكۇر كاتېگورىيىنىڭ ئىچىدە. بىز تېخى بۇ ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ كاتېگورىيىسىنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلمىگەنلىكىنى بىلمەيمىز. چۈنكى ھۆكۈمەت بۇ ھەقتە بىزگە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى. بىز سوتتا پەرھات مەسىلىسىدە ناھايىتى چوڭ بىر ئۇتۇققا ئېرىشتۇق. سوت ئۇنىڭ دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەسلىكىنى قارار قىلدى. گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ مەسىلىسى ئاساسەن پەرھاتنىڭ مەسىلىسىگە ئوخشىغانلىقى ئۈچۈن، سوتنىڭ بۇ قارارى گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان باشقا ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.

سوئال: دېمەك، سىزچە فېدېرال ئەرزىيەت سوت مەھكىمىسىنىڭ پەرھات ھەققىدىكى قارارى گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن ئىجرا قىلىنىدۇ، شۇنداقمۇ؟ 

جاۋاب: بىز سوتتا مەسىلىنى مۇشۇنداق ئوتتۇرىغا قويىمىز. ئەلۋەتتە ھۆكۈمەت تەرەپ بىزنىڭ بۇ تەلىپىمىزگە قارشى چىقىدۇ. ئەمما سوتنىڭ بۇ مەسىلىدە بىزنىڭ تەلىپىمىزنى قوبۇل قىلىش - قىلماسلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس.

كۆپ رەھمەت، سېيبىن ۋەلىت ئەپەندىم. سىزگە ئۇتۇق تىلەيمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.