سابىق گۇەنتانامو تۇتقۇنلىرىدىن ئابابەكرى ئامېرىكىنىڭ پوزىتسىيىسىگە ئېچىندى

بۇنىڭدىن 10 يىل ئاۋۋال ئامېرىكا قىسىملىرى ئافغانىستاندا ئەسىرگە چۈشكەن بىر قىسىم كىشىلەرنى كۇبانىڭ گۇەنتانامو ئارىلىدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىغا ئېلىپ بېرىپ قامىغان.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.01.12
Ababekri-Qasim-Obama-Seybin-305 ﻗﯘﺭﺍﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﻜﻪ، ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﺋﻮﺑﺎﻣﺎ، ﺋﺎﺩﯞﯗﻛﺎﺕ ﺳﯧﻴﺒﯩﻦ ﯞﯨﻠﻠﯧﺖ ﯞﻩ ﺋﺎﺑﺎﺑﻪﻛﺮﻯ ﻗﺎﺳﯩﻢ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﯜﺭﯛﺗﻠﯩﺮﻯ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ.
ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺳﯜﺭﻩﺕ www.huffingtonpost.com ﺗﻮﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

قاماقتىكى 600 دىن ئارتۇق تۇتقۇنلارنىڭ ئىچىدە ئەسىر ئېلىنغان 22 نەپەر ئۇيغۇرمۇ بار ئىدى. ئۇلار ئافغانىستانغا بېرىپ، ھەربىي تەلىم-تەربىيە ئېلىپ، خىتايغا قارشى قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىشكە ئاتلانماقچى بولغان پىدائىيلار ئىدى. ئۇلار 2001‏-يىلى 11‏-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكا ئارمىيىسى تالىبانلارنى بومباردىمان قىلغاندا ئافغانىستاندىن قېچىپ ، پاكىستان چېگراسىغا كىرگەندە ئەسىر ئېلىنغان ۋە گۇەنتاناموغا ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. گەرچە ئۇلاردىن 17 كىشى باشقا دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ مەسىلىسى ئۈزۈل -كېسىل ھەل بولغىنى يوق. بىز گۇەنتانامو لاگېرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ھازىر ئالبانىيىدە ياشايدىغان سابىق گۇەنتانامو تۇتقۇنلىرىدىن ئابابەكرى قاسىمنى زىيارەت قىلدۇق.

ئابابەكرى قاسىم 2006-يىلى ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ گۇەنتانامو لاگېرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇساپىرلىق ھاياتى، پىكىر خىيالى ۋە نۆۋەتتىكى تۇرمۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.