گۇلمىرە ئىمىننىڭ يولدىشى: 'ئايالىم ۋىجدانلىق، مىللەتسۆيەر بىر خانىم ئىدى'

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار " 5 - ئىيۇل" ۋەقەسى ھەققىدە ئېچىلىۋاتقان سوتلاردا ئەڭ ئېغىر جازاغا يولۇققانلاردىن بىرى، 32 ياشلىق ئۇيغۇر خانىمى گۆلمىرە ئىمىندۇر. گۆلمىرە ئىمىن بۇ يىل 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قانۇنسىز نامايىش تەشكىللەش، دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش ۋە دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش قاتارلىق 3 خىل ئاتالمىش جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. تۆۋەندە مەھبۇس گۆلمىرە ئىمىننىڭ كىملىكى ھەققىدە تەييارلانغان پروگراممىمىزنى ئاڭلايسىلەر.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﮪﺮﻩﺕ ﮪﻮﺷﯘﺭ
2010.08.05
Xitay-bohtan-chaplighan-Gulmire-xanim-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﮔﯜﻟﻤﯩﺮﻩ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ(ﺋﻮﯕﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ) ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺗﯧﻠﯩﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﯩﺴﯩﺴﻰ ‏15 - ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ " ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ - ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ" ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﻓﯩﻠﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
Youtube.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

بۇ يىل 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى گۆلمىرە ئىمىن قاتارلىق 6 نەپەر ئۇيغۇر ياش، 5 - ئىيۇل ناميىشنى تەشكىللەش قاتارلىق ئاتالمىش جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. مەھبۇس گۈلمىرە قولغا ئېلىنىشنىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچىدىكى بىر مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىدا مۇدىر بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋە ئىشتىن سىرت ۋاقىتلىرىدا، سەلكىن تور بېتىنىڭ ئەدەبىي بەت مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن. تۆۋەندە بىز، گۈلمىرە ئىمىننىڭ كىملىكى ھەققىدە ئۇنىڭ نورۋىگىيىدە ياشاۋاتقان يولدىشى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاۋاتقان بىر دوستىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:

گۈلمىرەنىڭ يولدىشىدىن بىز " ئاڭلىساق، ئايالىڭىز گۇلمىرە ئىمىنگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىپتۇ، بۇ توغرا خەۋەرمۇ؟ گۆلمىرە بىلەن ئەڭ يېقىندا قاچان كۆرۈشكەنتىڭىز؟ ھازىرقى ئەھۋالىدىن خەۋىرىڭىز بارمۇ؟ " دېگەندەك سوئاللارنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بىزگە مۇنداق جاۋاب بەردى :

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، گۈلمىرە ئىمىننىڭ چەتئەلدىن ياشاۋاتقان دوستلىرىدىن بىرى، ئۇنىڭ كىشىلىك خىسلەتلىرى ھەققىدە توختالدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.