گۇما ۋەقەسى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2011.12.30
2011.12.30

AFP
ب ب س، فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى قاتارلىق خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدە 12 - ئاينىڭ 28 - كۈنى كەچ گۇما ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن ۋەقە توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئوخشىمىغان كۆلەمدە ئېلان قىلىندى. خەۋەرلەردە چېگرىدىن قاچماقچى بولغانلارنىڭ جەمئىي 15 كىشى ئىكەنلىكى، 7 كىشىنىڭ خىتاي قوراللىق قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلانغانلىقى، 8 كىشىنىڭ قولغا چۈشكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى تۆت نەپىرىنىڭ يارىلانغانلىقى كۆرسىتىلدى. توقۇنۇشتا بىر نەپەر ساقچى باشلىقىنىڭ ئۆلۈپ، يەنە بىرسىنىڭ يارىلانغانلىقى تىلغا ئېلىندى. بۇ ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ھەممىسىلا خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن ياكى ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدان رايونىدىن مەلۇمات ئېلىشقا تېرىشىپ كۆرگەن بولسىمۇ، مەقسىتىگە يېتەلمىگەنلىكىنى تەكىتلەشتى.
مەزكۇر ۋەقە، 2009 - يىلى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇر - خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى قانلىق توقۇنۇشلارنى، بۇ يىل 7 - ئايدا خوتەندە ناۋاغ ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ۋە قەشقەردە يۈز بەرگەن يېڭىبازار ۋەقەلىرىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈشكە سەۋەب بولدى. خەۋەرلەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمرانلىقىدىن نارازى ئىكەنلىكى، بۇ نارازىلىقنى تىنچلىق ۋاستىلىرىگە تايىنىپ ئىپادىلەش ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ زوراۋانلىق ۋاستىلىرىگە مۇراجىئەت قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقى تەكىتلەندى.
د ئۇ ق باش شىتابىدا خىزمەت قىلىۋاتقان قۇرۇلتاي پروگرامما يىتەكچىسى جانا براندت خانىم، خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ گۇما ۋەقەسى توغرىلىق ئەتراپلىق مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن قۇرۇلتاي باش شىتابىغا ئۈزمەي تېلېفۇن قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە، غەرب ئاخبارات خادىملىرىنىڭ يالغۇز گۇما ۋەقەسىگىلا ئەمەس، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغىمۇ قىزىقىۋاتقانلىقىنى تەكتلىدى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى گۇما ۋەقەسى توغرىلىق 30 - دېكابىر ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار رايونىغا كۆپلەپ ئەسكىرى، ساقچى كۈچلىرىنى يەرلەشتۈرگەنلىكىنى، بۇ رايوندا مىللىي بۆلگۈنچىلەر، رادىكال دىنىي ئۇنسۇرلار ۋە تېررورچىلارغا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل كۈچلەرنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، مول تەبىئىي بايلىققا ئىگە بولغان بۇ زېمىن ئاھالىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھاتتىن مەنپەئەتكە ئېرىشەلمەي كەلگەنلىكىنى، بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقى ھەم دىنىي رېجىملىرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئۆز خەۋىرىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي تىللىق مۇسۇلمان مىللەت ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 200 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 7 - ئايدا قەشقەر ۋە خوتەندىكى توقۇنۇشلاردا يەنە 50 تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي باستۇرۇشلىرىغا قارشى ئەركىنلىك يولىدا كۈرەشلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
30 - ئۆكتەبىر كۈنى ب ب س قانىلى، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار رايونىدا مىللىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالاھىدە جانلىنىپ، قوراللىق ھەرىكەتلەرنى ئاساس قىلغان قارشىلىق باسقۇچىغا كۆتۈرۈلگەنلىكىنى، گۇما ۋەقەسىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئەمەلدارى جاڭ چۈنشيەن 2012 - يىلى قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنى قوزغاشنى تەشەببۇس قىلغان بىر ۋاقىتتا پەيدا بولغانلىقىنى يازدى.
يەرشارى ۋاقت گېزىتى، 29 - دېكابىر بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، گۇما ۋەقەسىنى پەيدا قىلغان بۇ 15 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ جىھات ئىدىيىسى بىلەن قوراللانغان ياشلار ئىكەنلىكىنى، بۇ ۋەقەنىڭ ئالاھىدە ئارقا كۆرۈنۈشى يوقلۇقىنى ئېلان قىلدى.
29 - دېكابىر كۈنى گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسى د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىت ۋە د ئۇ ق نىڭ ياۋرۇپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى مەمەت توختىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى مىللىي توقۇنۇشلارنىڭ سەۋەبلىرىنى مەلۇم دەرىجىدە ئەكىس ئەتتۈردى. دىلشات رېشىت سۆزىدە، خىتاينىڭ تېررورچىلار ئىككى ئادەمنى تۇتقۇن قىلدى، دېگەن گېپىنىڭ يالغانلىقىنى، ئۇلار 7 نەپەر ئۇيغۇرنى ئېتىپ تاشلىغاندىن كېيىن، بۇ باستۇرۇش ھەرىكىتىنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئويدۇرما پەيدا قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن. مەمەت توختى ئەپەندى بولسا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى ھەرقانداق زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى چەتئەلدىكى مىلىي بۆلگۈنچىلەرگە ئارتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە بۇ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى خىتاينىڭ مىللىي زۇلۇملىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان.