تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە ۋەخپى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىندا ئۇيغۇرلار

2010 ‏- يىلى 1 ‏- ئاينىڭ 16 ‏- كۈنى تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە ۋەخپىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، تەشكىلاتنى قانداق ئىدارە قىلىش ۋە تەشكىللەش، قانداق قىلغاندا ئاكتىپ ھالغا كەلتۈرۈش توغرىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى ھەيئەت تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ
2010.01.22
TGTV-yighinida-Uyghurlar-Istanbulda-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010 ‏- ﻳﯩﻠﻰ 1 ‏- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 16 ‏- ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎﻧﻪ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﯞﻩﺧﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ، ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﺵ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﻫﺎﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Arslan

يىغىنغا سىياسىي ۋەخپىنىڭ رەئىسى فەخرى سولاك ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇراسىمدا مالتەپە ئۇنىۋېرىسىتېتى ئىقتىساد ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى پروفسسور دوكتۇر نازىف گۆردوغان ئەپەندى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى قانداق تەشكىللەش ۋە يۈرگۈزۈش توغرىسىدا سۆز قىلدى.

يىغىندا يەنە، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئەپەندى سۆز قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، ئاممىۋىي تەشكىلاتنى تەرتىپكە سېلىش ۋە ئىدارە قىلىش توغرىسىدا ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيىلەپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلدى.

يىغىندا يەنە، ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنى قانداق تەشكىلەش ۋە ئاكتىپ ھالغا كەلتۈرۈش توغرىسىدا ئىلگىرى ئېچىلغان 8 ھەپتىلىك كۇرستا ئوقۇش پۇتتۇرگەن ئوقۇغۇچىلارغا دىپلوم تارقىتىپ بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە ۋەخپى 1994 ‏- يىلى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان بولۇپ، تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە 100 دىن ئارتۇق ئاممىۋىي تەشكىلات ۋە فوند ئەزاسى بار چوڭ بىر تەشكىلات. بۇ تەشكىلات ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ دۇنيادا كۈچلۈك بىر سىياسى مەيدان ھازىرلاش، ئىسلام دۇنياسى دۈچ كېلىۋاتقان مەسلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خىزمەت ‏- پائالىيەت قىلىپ كەلمەكتە.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى بۇ تەشكىلاتقا 2008 ‏- يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەزا بولغاندىن بىرى بۇ تەشكىلات بىلەن خىزمەت ‏- پائالىيەتلەردە ھەمكارلىشىپ كەلمەكتە.

بىز بۇ قېتىمقى يىغىن ھەققىدە تولۇق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن يىغىنغا قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.