ھىلال تېلېۋىزىيىسىدە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر

يېقىندا تۈركىيە ھىلال تېلېۋىزىيىسىنىڭ 'بەخت قوڭغۇزى' ناملىق ئۆسمۈرلەر پروگراممىسىغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن جەمئىيەتنىڭ زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى بالىلار يەسلىدىن قىز ‏-ئوغۇل بولۇپ تاللانغان 15 نەپەر ئۇيغۇر ئۆسمۈر پەرزەنتى قاتناشتى.

0:00 / 0:00

بۇ پروگراممىغا ھىلال تېلېۋىزىيسىنىڭOpens in new window ]

خادىمى ئەخمەت شاھىن ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. پروگرامما، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى خۇرشىدە خانىم ، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ نامىدا ھىلال تېلېۋىزىيىسىگە تەشەككۈر بىلدۈرۈپ رىياسەتچى ئەخمەت شاھىنغا گۈل دەستە تەقدىم قىلىش بىلەن باشلاندى.

بۇ پروگرامما ھىلال تېلېۋىزىيەسىدە سۈنئى ھەمرا ئارقىلىق نەخ مەيداندىن تارقىتىلدى. پروگراممىدا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى مىللىيچە كىيىم ‏- كېچەك ۋە چىمەن دوپپا كىيىشكەن بولۇپ، ئۆسمۈر بالىلار ناخشا ئوقۇش، ئۇسۇل ئويناش، شېئىر دېكىلىماتىسيە قىلىش، ئويۇن كۆرسىتىش قاتارلىق ھەر خىل نومۇرلار تەقدىم قىلدى.

بىر يېرىم سائەت داۋام قىلغان بۇ پروگراممىدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرۈپ ‏- ئادەتلىرى ۋە ئۇيغۇر تائاملىرى تونۇشتۇرۇلدى. بۇ تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنىڭ سىنئالغۇ كۆرۈنۇشى ھىلال تېلېۋىزىيىسىنىڭ رەسمى تور بېتىدە ئېلان قىلىندى.

بىز بۇ تىلىۋېزىيە پروگراممىسىغا قاتناشقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن مۇنەۋۋەر خانىم، خۇرشىدە خانىم ۋە سادىقجان قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بۇ پروگرامما ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.