قەشقەردە "بىرمۇ ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئائىلە" قالمامدۇ ؟

ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى تاكتىكا ئۆزگەرتىپ "خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە بۇ ئارقىلىق مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى بەرپا قىلىش" دەيدىغان شۇئار بويىچە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى. خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭدا ئالدى بىلەن ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش شۇئارىنى قاتتىق توۋلاپ، "بىر ئائىلىدە ئەڭ ئاز دېگەندە بىر كىشى ئىشقا ئورۇنلاشقان بولۇش" دەيدىغان سىياسەت بويىچە "بىرمۇ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئائىلەرنى تىزىملاشقا باشلىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.07.30

بۈگۈن قەشقەر رايونلۇق ھۆكۈمەت تور بېتى بۈگۈنكى خەۋەرلىرىدە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قەشقەردىكى "بىرمۇ ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئائىلىلەر" نى تىزىملاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھازىرغىچە 30مىڭدىن ئوشۇق ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى، بىرمۇ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان 108 ئائىلىگە ياردەم قىلغانلىقىنى، 220 ئەتراپىدا مېيىپنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بىز يۇقىرىدا دىيىلگەن ئەھۋاللارنىڭ قانچىلىك ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە قەشقەردىكى مەلۇم ناھىيىگە تېلېفون قىلغان ئىدۇق. بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قىز ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كەلگەندىن بېرى خىزمەتكە ئورۇنلىشالمىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى.

يەرلىك دائىرىلەر ئۆيمۇ - ئۆي كىرىپ ئىشسىزلارنى تىزىملىغاندىن كېيىن 95 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كېلىپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان بارلىق ئىشسىزلارنى بىر تۇتاش ئېمتىھانغا قاتناشتۇرغان. ئەمما، بۇ ئېمتىھان كىشىلەرنىڭ كەسپىي سەۋىيىسىنى ئۆلچەش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ سىياسىي كۆز قارىشىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بولغان كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئاتالمىش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈنلا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر سىياسەت ئىكەنلىكىنى، بۇ خىل سىياسەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا كېلىشىگە يول ئېچىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دىلشات رىشىت ئەپەندى سۆزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەگەر ھەقىقەن ئۇيغۇرلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلايمەن دەيدىكەن، ھەر بىر ئۇيغۇرغا ئالدى بىلەن سىياسىي ھوقۇقىنى بېرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.