ئەھمەدى نىجاد ۋە ھىزبۇللاچىلار
2013.01.04
قانداقلا بولمىسۇن، شىئە بىلەن ئەھلى سۈننەت مۇسۇلمانلاردىن سانىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئاساسلىق دىنىي ئەقىدىدە بىردەكتۇر. كېيىنكى ۋاقىتلاردا سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلى شىئە - سۈننىي توقۇنۇشلىرى كۆپرەك يۈز بېرىدىغان بولۇپ قالماقتا.
سەئۇدى ئەرەبىستاندا چىقىدىغان «ئوكاز» گېزىتىنىڭ 2013 - يىلى2 - يانىۋار كۈنىدىكى سانىدا، «ئەھمەدى نىجاد ۋە ھىزبۇللاچىلار» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:«ئىران رەئىسى ئەھمەدى نىجاد مۇندىن8 يىل ئىلگىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا، دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئەربابلىرىغا ئۆزىنىڭ ئىمام مەھدى تەرىپىدىن قوغدىلىدىغانلىقىنى ۋە يېقىن پۇرسەتتە ئۆزىنىڭ كارامىتىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى سۆزلىگەن ئىدى. كېيىنچە ئۇ بۇ سۆزىنى ئىراننىڭ قۇم شەھىرىدە توپلانغان مۇسۇلمانلار ئاممىسىغا شەرھىلەپ بېرىپ، ئاخىر زاماندا كېلىپ ئىرانلىقلارنى دۇنيانى ئىدارە قىلىدىغان ئەربابلارغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشى كۈتۈلمەكتە بولغان ئاتالمىش ئىمام مەھدى ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە بەرگەن ئىدى. ئەمما ئارىدىن7 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەھمەدى نىجادنىڭ بىشارەتلىرى كېلىپ بولالمىدى. بۇنى ئاز دېگەندەك، ئەھمەدى نىجاد ئەمدى ئىرانلىقلارنى سۈرىيىدىكى ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ئىمام مەھدى ئۆزى قوغداپ كېلىۋاتىدۇ، شۇڭا سۈرىيە ھاكىمىيىتى يېقىلماستىن داۋام قىلماقتا. ئۇ ھەرگىزمۇ يوقالمايدۇ، دەپ ئالدىماقتا. يەنە لىۋاندىكى ھىزبۇللاچىلار دىنىي جەھەتتە ئىراننىڭ قۇم شەھىرىنى، سىياسىي جەھەتتە سۈرىيە پايتەختى دەمەشىق شەھىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا، ئىراننىڭ خۇراپاتلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئەرەبلەرگە قارشى سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. خۇددى ئىرانلىقلار تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە ئامېرىكىنى ئەيىبلەپ قويۇش بىلەن مۇسۇلمانلار ئارىسىدا يۈز تېپىشقا كىرىشكەندەك، ھىزبۇللاچىلارمۇ ئىسرائىلىيىگە بىر - ئىككى راكېتا بومىسى قويۇپ بېرىش بىلەنلا رايوندىكى ئەرەبلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشنى كەسىپ قىلىۋالغان ئىدى. ئەمدى نۆۋەتتىكى سۈرىيە مەسىلىسىدە ھەر ئىككىلىسىنىڭ چۈمپەردىسى ئېچىلىپ كەتتى ۋە خەلقى ئالەم ئۇلارنىڭ ئىچكى يۈزىنى چۈشىنىشكە باشلىدى.»
ھىزبۇللاچىلار ئەسەدتىن ۋاز كەچمەيدۇ
ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:«لىۋاندىكى ھىزبۇللاچىلارنىڭ ئەسەدنى قوللىغىنى قوللىغان. ئۇلار ئەسەدتىن ھەرگىز ۋااز كەچمەيدۇ. چۈنكى ئۇلار، سىياسىي جەھەتتىن كۈچىنى ئەسەد ھاكىمىيىتىدىن ئالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە شىئەلەرنىڭ ھىزبۇللا جامائىتى ئىراننىڭ تەكلىپ بېرىشى، سۈرىيىنىڭ سابىق رەئىسى ھافىز ئەسەدنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن بارلىققا كەلگەن سىياسىي جامائەت بولۇپ، يىللاردىن بىرى ئىران بىلەن سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ئىشلەپ كەلمەكتە. ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئەسكەرلىرى ئىچىدە ھىزبۇللاچىلارنىڭ قوشۇنلىرى بولغانلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. چۈنكى ھىزبۇللاچىلار ئىراننىڭ دىنىي لىدەرلىكى ۋە دەمەشىقنىڭ سىياسى پروگراممىسى بويىچە ئىش كۆرىدىغان بىر جامائەت.»