سۈرىيىدە «ھۆرىيەت جۈمەسى» نامايىشى ۋە سۈرىيە ئارمىيىسىنىڭ سەلبىي مەۋقەسى

ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى نامايىشلار ھەر خىل شەكىل ۋە ھەر خىل كەيپىياتتا بولۇپ كەلدى. ئۇلار نامايىشلىرىنىمۇ ئوخشاش بولمىغان ئىسىملار بىلەن ئاتاشتى.

0:00 / 0:00

جۈمە كۈنلۈكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەپتىلىك چوڭ ئۇچرىشىش كۈنى بولغانلىقتىن، بۇ كۈننىڭ ئەھمىيىتى زور. مۇسۇلمانلار تارىختىن بۇيان جۈمە كۈنىدىكى بۇ چوڭ ئۇچرىشىشىدا جۈمە خۇتبىسىنى ئاڭلاپ ۋەز-نەسىھەت ئالغاندىن باشقا، نامازدىن كېيىن جامائەت ئۆز ‏- ئارا ئۇچرىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش، يېڭىلىقلارنى ئاڭلاش ۋە مەسلىھەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئىشلىرىنى ئېلىپ كەلگەن.

ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى نامايىشلاردا جۈمە كۈنىنىڭ رولى چوڭ بولماقتا

ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى نامايىشلىرىدا جۈمە كۈنىنىڭ ئەھمىيىتى ئۇلار ئۈچۈن زور بولدى. ئۇلار جۈمە كۈنىدىن كۆپ پايدىلاندى. ھەتتا نامايىشچىلار ھەر بىر جۈمەنى« ئومۇميۈزلۈك قوزغىلىش جۈمەسى»، «تازىلاش جۈمەسى»، «تەختتىن چۈشۈرۈش جۈمەسى» دېگەنگە ئوخشاش ھەر خىل ئىسىملار بىلەن ئاتاپ كەلدى. بۈگۈن سۈرىيىلىك نامايىشچىلار 2011-يىلى13-ماي كۈنىدىكى جۈمەنى« سۈرىيىنىڭ ھۆرىيەت جۈمەسى»دەپ ئاتىدى ۋە سۈرىيىنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، شەھەر ۋە يېزا-قىشلاقلىرىدا ئومۇميۈزلۈك نامايىش قىلىپ، ھازىرقى سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ تەختتىن چۈشۈپ بېرىشىنى ئومۇميۈزلۈك تەلەپ قىلدى.

سۈرىيە ئارمىيىسى ئۆز خەلقىنىڭ جېنىغا زامىن بولماقتا

قاتارنىڭ«ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ 2011-يىلى 13-ماي جۈمە كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نامايىشچىلارنى تارقىتىۋېتىش ئۈچۈن كۈچ ئىشلىتىۋاتقانلار سۈرىيە ساقچىلىرىلا ئەمەس، بەلكى سۈرىيە ئارمىيىسىمۇ ھۆكۈمەت تەرەپتە تۇرۇپ ئۆز خەلقىنىڭ يوللۇق نامايىشىنى ۋە قانۇنلۇق تەلەپلىرىنى باستۇرۇشقا قاتناشقان.

تەھلىلچىلەرگە كۆرە، بۇ راستىنىلا ئېچىنىشلىق ئەھۋال بولۇپ، تۇنىس، مىسىر ۋە يەمەن قاتارلىق دۆلەتلەردىكى نامايىشلاردا دۆلەت ئارمىيىسى خەلق تەرەپتە تۇرغان ياكى تەرەپسىزلىكنى تاللىغان بولسا، سۈرىيە ئارمىيىسى ساقچىلارغا قوشۇلۇپ ئۆز خەلقىنىڭ تىنچلىق بىلەن ئېلىپ بارغان نامايىشىنى باستۇرماقتا.

سۈرىيىلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە سۈرىيىدىكى نامايىشنىڭ ئاكتىپ قاتناشقۇچىلىرىدىن بىرى مۇھەممەد كاناكرى 2011-يىلى 13-ماي جۈمە كۈنى سۈرىيە پايتەختى دەمەشىق شەھىرىدىن «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى: «سۈرىيىدە بولۇۋاتقان تۇتقۇن قىلىش دولقۇنى داۋام قىلماقتا. سۈرىيە ئارمىيىسىمۇ ھەر قايسى شەھەرلەرگە تارقىتىۋېتىلگەن بولۇپ، ئۇلار ساقچىلار بىلەن بىرلىشىپ خەلقنىڭ يوللۇق نامايىشىغا قارشى ھەرىكەت قىلماقتا. بىز ساقچىلارغا ئىشەنمىسەكمۇ، ئارمىيىمىزگە ئىشەنچ قىلاتتۇق، ئۇلارنى خەلق تەرەپتە تۇرىدۇ دەپ ئويلايتتۇق. سۈرىيە ئارمىيىسىنىڭ نامايىشچى خەلقنى تۇتقۇن قىلىش، ئۇرۇش، يارىلاندۇرۇش، ھەتتا ئۆلتۈرۈش قاتارلىق ۋەھشىيلىكلەرنى قىلماسلىقىنى كۈتەتتۇق. ئەمما سۈرىيە ھاكىمىيىتى ئۇلارنىمۇ ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ئىشقا سېلىشتا غەلىبە قىلغان. بۇ ئىشنىڭ داۋام قىلىشىغا ئىشەنمەيمىز. چۈنكى ئارمىيە خەلقنىڭ بالىلىرى، ئۇلار ئۆز خەلقىنى بۇنداق باستۇرۇشتىن چوقۇم ۋاز كېچىشى كېرەك.»

سۈرىيە رەئىسى بەششار ئەل ئەسەد ھەققىدە مەلۇمات

بەششار ئەل ئەسەد سۈرىيىنىڭ سابىق رەئىسى ھافىز ئەل ئەسەدنىڭ ئوغلى بولۇپ، 1965-يىلى دۇنياغا كەلگەن. ئىلىم تەھسىلىنى دەمەشىق شەھىرىدە قىلغان بەششار ئەل ئەسەد 1994-يىلى كۆز دوختۇرلۇق كەسپىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان. 2000-يىلى دادىسى ھافىز ئەل ئەسەد ئالەمدىن ئۆتكەندە، بەششار ئارانلا 34 ياشقا كىرگەن بولۇپ، سۈرىيىنىڭ «رەئىس 40 ياشتىن كىچىك بولمايدۇ»دېگەن دەستۇرىنى 34 ياشقا ئۆزگەرتىپ، سۈرىيە جۇمھۇرىيىتىگە رەئىس قىلىپ چىقىرىلغان. بەششار ئەل ئەسەد رەئىسلىكىنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدە سۈرىيىدە ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغانلىقى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلايدىغانلىقى، شۇنداقلا دېموكراتىيىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقى ھەققىدە كۆپ قېتىم ۋەدىلەرنى بېرىپ خەلقنى ئۈمىدلەندۈرگەن ئىكەن. ھازىرقى نامايىشلارنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىمۇ ۋەدە قىلىنغان ھەقىقىي دېموكراتىيىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىدىن ئىكەن.