ياۋروپادىكى ئۇيغۇر ۋەكىللىرى ۋېنگرىيىدىكى ھونلار قۇرۇلتىيى ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتى

بۈگۈن گېرمانىيە، گوللاندىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق ئەللەردىن يىغىلغان بىر گۇرۇپپا ۋەكىللەر ۋە ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى تەكلىپكە بىنائەن ۋېنگرىيىدە چاقىرىلىدىغان ھونلار قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش ئۈچۈن پايتەخت بۇداپېشتقا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2012-08-09
Share
Dunya-Hunlar-Qurultiyi-Atilla-Uyg-Konsert-305 ھونلارنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئاتىللا ۋە ئۇنىڭ باش قوماندانى ئارپاد ۋەزەرنىڭ سۈرىتى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان سەھنىدە، ئۇيغۇر ۋەكىللىرى ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بىلەن نومۇر كۆرسەتتى. 2010-يىلى ئاۋغۇست، ۋېنگرىيە.
RFA/Kurban Weli

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ۋېنگرىيىدىكى زىيالىيلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ھۆكۈمەت دائىرىسىدىكى خادىملار بىلەن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، ۋېنگرىيىلىكلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىپادىلەۋاتقان تارىخىي قېرىنداشلىق ھېسسىياتى ئۇيغۇرلارنى كۆپ سۆيۈندۈرمەكتە. ۋېنگرىيىدە 2011-يىلى ۋېنگرىيە قەلەمكەشلىرى ھەم ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن خەلقئارا قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ يىغىنى بولۇپ ئۆتكەنىدى.

ۋېنگرىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ يىغىنىغا قاتناشقان بىر قىسىم ۋەكىللەر. 2011-يىلى فېۋرال، ۋېنگرىيە.
ۋېنگرىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ يىغىنىغا قاتناشقان بىر قىسىم ۋەكىللەر. 2011-يىلى فېۋرال، ۋېنگرىيە.
RFA/Ekrem

ۋېنگرىيىدە ئىككى يىلدا بىر چاقىرىلىدىغان ھونلار قۇرۇلتىيىغا گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر ۋەكىللىرى يىللاردىن بېرى قاتنىشىپ كېلىۋاتاتتى. بۇ قېتىم گېرمانىيە، گوللاندىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق ئەللەردىن تەشكىللەنگەن ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى ھەم ۋەكىللىرى ۋېنگرىيە دائىرىلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇيغۇرچە سەنئەت نومۇرلىرىدىن ئۆز قېرىنداشلىرىنى ھۇزۇرلاندۇرۇش ھەم ھونلار قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بۈگۈن پايتەخت بۇداپېشتقا قاراپ يولغا چىقتى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز ۋېنگرىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۈچ كۈنلۈك بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇر گۇرۇپپىسىغا مەسئۇل بولغان د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى بىلەن ئۇ يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن بۇ سۆھبەت خاتىرىسىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت