ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ تەشكىلاتلار ھۈسەيىن جېلىلنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بارلىق تەشۋىقات ۋاستىلىرىنى ئىشقا سېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئۆتكەن يىلىدىن ئېتىبارەن كانادا مىقياسىدا كانادا باش مىنىستىرى ستېۋىن خارپېرگە ئىمزالىق پوچتا كارتى ئەۋەتىش پائالىيىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، بىر يىل ئىچىدە ئەۋەتىلگەن پوچتا كارتىنىڭ سانى 100 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.
بۇ يىل يېڭى يىل يېتىپ كېلىشى بىلەن، بۇ تەشكىلات يەنە يېڭى يىللىق پوچتا كارتى تارقىتىشنى باشلىغان بولۇپ، پوچتا كارتىنىڭ ئۈستىگە ھۈسەيىن جېلىلنىڭ چوڭايتىلغان سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ۋە ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تەرجىمىھالى، شۇنداقلا نېمە ئۈچۈن خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقانلىقى قاتارلىق ئۈچۈرلار كىرگۈزۈلگەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز ھۈسەيىن جېلىلنىڭ خانىمى كامىلە خانىم بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.