ئەمگەك كۈچى يۆتكەش سىياسىتى قانداق ئاقىۋەتلەرنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ؟

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىدا، ئۇيغۇر ئېلىدىن يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ مېڭىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان بولۇپ، مەزكۈر ۋەقە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غۇلغۇلا پەيدا قىلماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2009-09-02
Share
Guang-dong-toqunush-Uyghur-qiz-305 video.sohu.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯩﺰ ﺋﯩﺸﭽﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯩﺸﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺭﻩﻫﯩﻤﺴﯩﺰﻟﻪﺭﭼﻪ ﻛﺎﻟﺘﻪﻛﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺯﻩﺧﯩﻤﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯚﻟﯜﻙ ﻫﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
video.sohu.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

خوتەن ۋىلايىتى چېرا ناھىيەسىدىن جەمئى 115 نەپەر ئۇيغۇر قىزى، "چىڭداۋ تەيگۇاڭ ئاياقچىلىق شىركىتى" گە بىر يىللىق توختام بىلەن ئېلىپ مېڭىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر شىنخۇا ئاخبارات خەۋەر تورىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ مەسىلە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك نارازىلىقلارنى مەيدانغا كەلتۈردى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىل پەقەت پەيزىۋات ناھىيىسىدىنلا 4300 ئۇيغۇر ياشنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ بولغانلىقى ئېنىقلانغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئورگان مەتبۇئاتى شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈچ يىل ئىچىدە پەيزىۋاتتىن خىتاي ئۆلكىسىگە 19 مىڭ ئىشلەمچىنىڭ يۆتكەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى يەنە، 2009 ‏- يىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىنلا 200 مىڭ 400 ئادەمنىڭ سىرتقا ئىشلەشكە يۆتكەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.  دېمەك ئۇيغۇر ئىلىدىن توختىماستىن تۈركۈم - تۈركۈملەپ يۆتكىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھاللىق سەۋىيىگە يەتكۈزۈش دېگەن سىياسىتى بويىچە ئەمەلىيلەشتىمۇ؟  

رادىئومىز بىر قانچە يىللاردىن بۇيان ئىگىلىگەن مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرى، بولۇپمۇ ياش ئۇيغۇر چوكان ‏- قىزلىرىنى ئاساس قىلغان ئىشچىلار، ھەر خىل كەمسىتىش، خورلاش ۋە ھەتتا تۇيۇق يوللارغا مەجبۇرلىنىشتەك ئاقىۋەتلەرگە دۇچ كەلگەن.

خىتاي زاۋۇت باشلىقلىرىنىڭ بېسىملىرىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن قىز ئىشچىلارنىڭ بىر قىسىملىرىنىڭ، تىجارەتچى ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقە باغلاش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىغا قېچىپ كەلگەنلىكى، ئەمما يەرلىك يېزا باشلىقلىرىنىڭ توختام توشماي تۇرۇپ قايتىپ كەلگەن ئىشچىلارنى جازالاش چارىلىرىدىن قورقۇپ، ئۈرۈمچى، قاراماي قاتارلىق شەھەرلەردە يوشۇرۇنۇپ ياشاشقا مەجبۇر بولغانلىقى، ھەتتا بىر قىزنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار رادىئومىز تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئىدى.

سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر، بۇ يىل 26‏ - ئىيۇن يۈز بەرگەن شاۋگۈەن ۋەقەسى شۇنىڭدەك 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ مەيدانغا كېلىشى خىتاينىڭ مەجبۇرىي يوسۇندا يولغا قويۇۋاتقان " ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتايغا يۆتكەش" تىن ئىبارەت توغرا بولمىغان سىياسىتىنىڭ مەھسۇلى دەپ قارىماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، كۆپ قېتىم، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتايغا يۆتكەش سىياسىتىنىڭ پەرەز قىلىش قېيىن بولغان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۈر سىياسىتىنى " ئوچۇق ‏- ئاشكارا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش سىياسىتى" دەپ ئەيىبلىگەن. دىلشات رېشىت " ئۈرۈمچى ۋەقەسى" يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە بۇ خىل سىياسىتىنى توختاتماسلىقىنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا توختالدى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا قانلىق قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشىغا يول ئاچقان، ئۇيغۇر ۋە خىتاي مىللىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆچمەنلىكنىڭ ھەددىدىن تاشقىرى دەرىجىدە كۈچىيىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان، ئەمگەك كۈچلىرىنى يۈتكەش سىياسىتىنىڭ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇلۇشى ئىككى مىللەت ئارىسىدا يەنە پەرەز قىلغىلى بولمايدىغان ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى مەيدانغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىز خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا، بولۇپمۇ 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم ئادەم يۆتكەش ئىجرا قىلىنغان خوتەن ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا  تېلېفۇن ئۇرۇپ ئۇلارنىڭ قاراشلىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن كۆپ تىرىشتۇق، بىراق ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن يۈز بېرىۋاتقان تېلېفۇن لىنىيەلىرىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى تۈپەيلى خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىدۇق.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت