كۆكتاتچىلىق كەنتىنىڭ سابىق سېكرېتارى: ئۇلارنىڭ ئۆيى مەجبۇرىي چېقىۋېتىلدى
2012.07.23
مەزكۇر كەنتىنىڭ سابىق سېكرېتارى ئىمام قېيۇمنىڭ ئىقرار قىلىشىچە، ياسىن قۇربان ئەينى چاغدا دائىرىلەرنىڭ شەرتلىرىگە كۆنمىگەن ۋە يەر-مۈلۈكىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش توختامىغىمۇ قول قويمىغان. لېكىن شۇنداقتىمۇ دائىرىلەر «مەجبۇرىي ئىجرا قىلىش چارىسى» نى ئىشقا سېلىپ، ئۇلارنىڭ ئوي-زېمىنلىرىنى توپا ئىتتىرىش ماشىنىلىرىنى بىلەن تۈزلىۋەتكەن.
ياسىن قۇربانلار ئائىلىسى ھەتتا ئۆي سەرەمجانلىرىنى ئېلىۋېلىشقىمۇ رۇخسەت قىلىنمىغان.
بىز ئالدىنقى قېتىملىق پروگراممىمىزدا، ياسىن قۇربانلار ئائىلىسىنىڭ ئايال خوجايىنى ۋە 2008-يىلىدىن بۇيان خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا ئەرز قىلىپ كېلىۋاتقان رابىيە يۈسۈپ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتنى ئاڭلاتقان ئىدۇق. رابىيە يۈسۈپ ئۆي-بىساتى تارتىۋېلىنىپ، تا ھازىرغىچە قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ياسىن قۇرباننىڭ بېيجىڭدا ئەرز قىلىۋاتقان ئوغلى يېقىندا دائىرىلەر تەرىپىدىن ئاقسۇغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن. بىز بۇ ھەقتە داۋاملىق ئىز قوغلاپ مەلۇمات بېرىشكە تىرىشىمىز.