ئۇيغۇر ئېلى ئىككى چوڭ زەھەر مەنبەسىنىڭ قوش زەربىسىگە ئۇچرىماقتا
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.01.21
2009.01.21
RFA ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯘﭼﯩﺴﻰ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىگە چېگرىداش بولغان "ئالتۇن ھىلال ئاي" زەھەر چېكىملىك مەنبەسى ئۇيغۇر ئېلىگە قارا كۆلەڭگە تاشلىماقتا. يەنى ئۇيغۇر ئېلى نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئىككى چوڭ زەھەر مەنبەسىنىڭ قوش زەربىسىگە دۇچار بولماقتا.
خوشنىدىن كىرگەن زەھەر
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىگە زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ يامرىشى ۋە بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئەيدىز قاتارلىق ۋابالارنىڭ تارقىلىشى ئىنتايىن تېز بولدى. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ۋەزىيىتىنى ھېلىھەم جىددىي ھەتتا ئىلگىرىكىدىنمۇ جىددىيلەشمەكتە دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.چۈنكى دۇنيادا ئۈچ چوڭ زەھەر مەنبەسى بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلى دۇنيادىكى زەھەر مەنبەلىرىنىڭ ئىككىسى يەنى ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك ۋە ئالتۇن ھىلال ئاي زەھەر ئۇۋىلىرىدىن زور مىقداردا يۆتكىلىۋاتقان زەھەرلىرىگە تولماقتا.
19 - يانۋار دۈشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ 2008 - يىللىق زەھەر چەكلەش دېلولىرى ھەققىدىكى دوكلاتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۆتكەن بىر يىلدا ئۇيغۇر ئېلى تەۋەسىدە ئالتۇن ھىلال ئاي رايونىدىن زەھەرلىك چېكىملىك يۆتكەش دېلوسىدىن 25 ى پاش بولغان بولۇپ، بۇ جەرياندا قولغا چۈشكەن خروئىن 95 كىلوگرام 740 گىرام كېلىدىكەن. ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە پاش بولغان 230 قېتىملىق زەھەرلىك چېكىملىككە ئائىت دېلولارنىڭ %66.3 نى، ئالتۇن ھىلال ئاي زەھەر دېلوسى ئىگىلەيدىكەن.
2008 - يىلىدا، 2007 - يىلىغا قارىغاندا زەھەر ئەتكەستىچىلىكىگە دائىر دېلولار يەنە %12.75 ئارتقان. زەھەرلىك چېكىملىككە دائىر جىنايەت گۇماندارلىرىدىن 327 سى قولغا ئېلىنغان. بۇمۇ ئۆتكەن يىلدىكىگە قارىغاندا %18 كۆپەيگەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ زەھەر چەكلەش ئەترىتىنىڭ باشلىقى جاڭ ئاجۇن مەتبۇئاتلارغا "ئۇيغۇر ئېلىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ۋەزىيىتى ئىنتايىن جىددىي ھەم مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە تۇرماقتا "دەپ بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەر چەكلەش ئۇرۇشىدا دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ تەھدىت، ئافغانىستان، پاكىستان، ئىراننى مەركەز قىلغان ئالتۇن ھىلال ئاي زەھەر رايونى بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىگە چېگرىداش بولغان بۇ زەھەر ئۇۋىسى، يىللاردىن بۇيان ئىلگىرىكى زەھەر مەنبەسى بولغان ئالتۇن ئۈچ بۈرجەكنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنى مەركەزلىك زەھەر يۆتكەش ھەمدە زەھەر پىششىقلاپ ئىشلەش تۈگۈنىگە ئايلاندۇرغانىكەن.
زەھەر ھەم ۋابانىڭ مەنبەسى ئالتۇن ھىلال ئاي
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قانۇن تورلىرىدا 2005 - يىلى ئىيۇندا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردىن مەلۇمكى، 2004 - يىلىدا خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ئالتۇن ھىلال ئاي زەھەر ئۇۋىسىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە زەھەر يۆتكىگەن تۆت جىنايەتچىنى تۇتقان ھەمدە تۆت كىلوگرام خىروئىننى قولغا چۈشۈرگەن. بۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى چېگرا ساقچىلىرىنىڭ ئالتۇن ھىلال ئايدىن ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەلگەن زەھەرنى پاش قىلىشقا دائىر تۇنجى زەھەر دېلوسى ئىدى.ئالتۇن ھىلال ئاي رايونىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە زەھەر ئېلىپ كۆرگۈچىلەر داۋاملىق تاكتىكىلىرىنى يېڭىلاپ تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۆتكەن يىلىدا ئالتۇن ھىلال ئايدىن خىروئىننى يىپقا ئېگىرىپ گېلەم قىلىپ توقۇپ يۆتكىگەن دېلودىن ئۈچى پاش بولغان.
زەھەر دېلولىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئالتۇن ھىلال ئاي زەھەر ئۇۋىسىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىۋاتقان زەھەر ئاساسەن خروئىن ھەمدە ئەپيۈن،نەشە قاتارلىقلار بولۇپ، ئافغانىستان، پاكىستان سودىگەرلىرىنىڭ ۋە بىر قىسىم يەرلىكلەرنىڭ قولى ئارقىلىق ھاۋا يولى ھەمدە يەر ئۈستى قاتناش يوللىرى ئارقىلىق ھەر قېتىمدا زور مىقداردا ئۇيغۇر ئېلى چېگرىسىغا كىرىپ، بىر قىسمى يەنە ئۇيغۇر ئېلى ئارقىلىق خىتاي ھەمدە ئاخىرىدا خوڭكوڭ، ھىندونېزىيە قاتارلىق باشقا دۆلەتلەرگە چىقىرىلىۋاتقان بولۇپ خەلقئارالىق زەھەر تورى شەكىللەندۈرگەن.
ئالتۇن ھىلال ئاي زەھەر ئۇۋىسى 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئەپيۈن تېرىش شۇنداقلا خروئىن ئىشلەش بازىسىغا ئايلانغان بولۇپ، يىللىق زەھەر ئىشلەش مىقدارى تۆت توننىدىن ئاشىدۇ. ئالتۇن ھىلال ئايدا ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان زەھەرلىك چېكىملىك مىقدارى نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيادىكى زەھەرنىڭ %90 نى ئىگىلەيدىكەن. بۇنىڭ بىلەن چېگرىداش بولغان ئۇيغۇر ئېلىمۇ زور مىقداردىكى زەھەرنىڭ كىرىش ھەم يۆتكىلىش بازىسىغا ئايلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ رايوندىن كىرىۋاتقان زەھەرنىڭ مىقدارى يىلدىن - يىلغا ئاشماقتا ئىكەن.
تەھدىتكە ماس تەدبىر يوق
ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەرنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ماس ھالدا زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ بارغانچە كۆپىيىشى شۇنداقلا بۇنىڭغا يانداش ھالدا ئەيدىزنىڭ جىددىي يامرىشى ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە ۋە ۋەھىمىگە سېلىۋاتقان بىر ئېغىر مەسىلە. مۇتەخەسسىسلەر ئالتۇن ھىلال ئاي زەھەر ئۇۋىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەر ھەمدە ئەيدىزنىڭ يەنىمۇ كەڭ كۆلەمدە تارقىلىش خەتىرىنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەرنىڭ يامرىشىنىڭ يىللاردىن بېرى كونترول قىلىنماي ھەتتا بارغانچە يامراۋاتقانلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسەتلىك ھالدا جىددىي تەدبىر قوللانمايۋاتقانلىقىدا دەپ قارىماقتا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ زەھەر ۋەزىيىتى يەنىلا جىددىي بولۇپ پەقەت خەتەرنىڭ كىرىش يولى، مەنبەسى ئۆزگەرگىنى بىلەن خىتاينىڭ زەھەر چەكلەش تاكتىكىسىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق.
دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، ئەگەر خىتاي دائىرىلىرى ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچلەرگە قاراتقان زەربە بېرىش سالمىقىنىڭ ئاز بىر قىسمىنى زەھەر چەكلەشكە قاراتقان بولسا، ئۇيغۇر ئېلىدىن زەھەر پاك - پاكىزە تازىلانغان بولاتتى.
ئەڭ يېڭى سىتاتىستىكىغا قارىغاندا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ئەنگە ئېلىنغان ئەيدىزلەر 24818 گە يەتكەن بولۇپ، سان جەھەتتە خىتاي بۇيىچە 4 - ئورۇندا، شۇنداقلا بۇلارنىڭ %90 دىن كۆپرەكى زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەخمىنلىشىچە ئۇيغۇر، ئېلىدىكى ئەيدىزلەرنىڭ ئەمەلىي سانى 60 مىڭدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن. ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلىش زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەيدىزنى تىزگىنلەش ئەڭ ئالدى بىلەن زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى تىزگىنلەشكە باغلىق. كېلىش مەنبەسى، يوللىرى ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتقان زەھەرنى قانداق چەكلەش بولسا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قانداق سىياسەت ھەم تەدبىر قوللىنىشىغا باغلىق مەسىلە ئەلۋەتتە.
خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى زەھەر چەكلەش دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىندىن بۇيان كۆلەڭگە تاشلىغان ھىلال ئاينىڭ تەھدىتى ئېغىرلاۋاتقان پەيتتە، ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك رايونىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە سېلىۋاتقان تەھدىتى بوشىغىنى يوق، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلى مانا بۇ ئىككى چوڭ خەلقئارالىق زور زەھەر مەنبەسىنىڭ ھۇجۇمىغا تەڭلا ئۇچرىماقتا.