ئىككى ئۇيغۇر قىزنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋىتى

ئۇيغۇر ئىلىدىكى ياشلارنىڭ دەسلەپ زەھەرلىك چېكىملىككە ئۆگىنىپ قېلىپ، كېيىن ساقايماس كېسەل ئەيدىزگە گىرىپتار بولۇشى سەۋەبىدىن نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەر ۋەيران بولماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2008.12.10
uyghur-elide-eydiz-305.jpg ﻧﺎﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﭼﯧﻜﻪﺭﻣﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺳﯜﺭﻩﺕ.
RFA ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯘﭼﯩﺴﻰ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەلۇم شەھىرىدە بىر ئائىلىدىكى ئىككى قىز زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ئەيدىز قۇربانىغا ئايلانغان بولۇپ، قىزلارنىڭ ئانىسىنىڭ ھەسرەتلىك ئاھۇ زارىغا چىدىمىغان بىر ئۇيغۇر ياش بۇ ئائىلىگە ياردەم قولىنى سۇنۇپ، قىزلارنىڭ يېڭى ھاياتقا قەدەم قويۇشى ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.

ئەپسۇس ساقچى تارماقلىرىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنى بوش قويۇۋېتىشى تۈپەيلى بۇ قىزلاردىن بىرى ھاياتىدىن ئايرىلغان ، يەنە بىرى بولسا ئىنتايىن قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان.

ياۋرۇپادىكى مەلۇم دۆلەتتە ياشاۋاتقان بىر نەپەر ئۇيغۇر ياش بۇ ھەقتە ئىستانسىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يۇقىرىقى ئىككى قىزنىڭ پاجىئەلىك ئاقىۋىتى ھەققىدىكى ۋەقەلىكنى مۇخبىرىمىزغا بايان قىلىپ بەردى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ بۇ ھەقتىكى تېلېفون سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.