ئىلھام توختى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە بولۇشىنى، بىرى بىرقىسىم ئەمەلدارلارنىڭ قانۇننى توغرا ئىجرا قىلمىغانلىقى، يەنە بىرى بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىشتا ئاجىزلىق قىلغانلىقىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ سەۋەپ بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قانۇن ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ۋە قانۇنىي ئويغىنىش ھەرىكىتى قوزغاش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، ئىلھام توختى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاتۇش شەھرىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. ئىقتىساد ۋە قانۇن پەنلىرى بويىچە خىتاي، پاكىستان ۋە قازاقىستان قاتارلىق ئەللەردە ئىلىم تەمسىل قىلغان. نۆۋەتتە مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى.
ئىلھام توختىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي جەمئىيىتىدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلىلەردىن بىرى مىللەتلەر مەسىلىسىدۇر. مىللەتلەر ئارا دوستلۇق خىتاي ھاكىمىيىتىدە ياشاۋاتقان بارلىق مىللەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. ئەمما بۇ ئىتتىپاقلىقنىڭ ئالدىنقى شەرتى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى، باراۋەرلىك بولغاندا قەغەز يۈزىدىكى باراۋەرلىك ئەمەس ئەمەلىي ھاياتتىكى باراۋەرلىكتۇر.
ئىلھام توختىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى كېيىنكى قېتىملىق پروگراممىلىرىمىزدا داۋاملىق تونۇشتۇرىمىز.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئىلھام توختى بىلەن بۇ ھەقتە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.