' ئۇيغۇربىز ' تور بېتى تاقالدى، ئىلھام توختى نەزەربەنت ئاستىدا

ۋەتەن ئىچى سىرتىدا كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە بولغان "ئۇيغۇربىز" تور بېتى 20 ‏ - مارت كۈنى، تاقىۋېتىلدى. بۇ مەزكۇر تور بەتنىڭ مۇشۇ ئاي ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم، قۇرۇلغاندىن بۇيان 6 ‏ - قېتىم تاقىلىشىدۇر.

0:00 / 0:00

4 كۈندىن بۇيانقى ئىگىلەشلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر تور بەتنىڭ ساھىبى، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى نۆۋەتتە نەزەربەند ئاستىدا.

"ئۇيغۇربىز " تور بېتى خىتاي ئاساسى قانۇنلىرى يول قويغان دائىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق - ھوقۇقى ھەققىدە ماقالە ۋە ئىنكاسلارنى ئېلان قىلىپ كەلمەكتە ئىدى.

ئىلھام توختى ئۆتكەن ئايدا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇيغۇرلاردا ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر رايونىدا باراۋەر گۈللىنىش سىياسىتى بولمىسا، مۇقىملىقنىڭ شەكىللىنەلمەيدىغانلىقى، ھازىرقى ئەھۋالدا ئۇيغۇر رايونىنىڭ كۆچمەنگە ئېھتىياجى يوقلۇقى قاتارلىق بىر قاتار رېئال مەسىلىلەر ھەققىدە قاراشلىرىنى بايان قىلغان ھەم بۇ مەسىلىلەرنىڭ تۈزەلمەيۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ، لاياقەتلىك بىر رەئىس ئەمەسلىكى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ئىدى.

ئىلھام توختى يەنە فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدە قېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئىلھام توختى، خىتايغا قايتقاندىن كېيىنمۇ، داۋاملىق تۈردە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، قانۇنغا خىلاپلىق قىلماسلىقنى ئاساسى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ، ئوخشىمىغان پىكىرلىرىنى بايان قىلىپ كەلگەن ئىدى.

مۇشۇ ئاينىڭ 12 ‏ - كۈنىدىن باشلاپ، ئىلھام توختى بىلەن ئالاقىمىز ئۈزۈلدى. ئىلھام توختى ئائىلىسىگە قىلىنغان تېلېفونلىرىمىز 12 كۈندىن بېرى جاۋابسىز قالماقتا. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بېيجىڭدىكى بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئامېرىكىدىكى لوس ئانجىلىس ۋاقتى گېزىتىنىڭ مۇدىرىنىڭ ئىلھام توختى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن 3 كۈن بېيجىڭدا ساقلىغانلىقى، ئەمما كۆرۈشۈشكە ئىمكان بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھەر خىل مەنبەلەردىن ئىگىلىشىمىزچە، ئىلھام توختىنىڭ خىزمىتىنى نورمال داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى، ئەمما ئاخبارات ساھەسى بىلەن كۆرۈشىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

بىز بۇ ئەھۋالنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالاقىدار بۆلۈملىرىگە تېلېفون قىلدۇق. ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ كادىرلار باشقارمىسى بىلەن تەشكىلات باشقارمىسى، ئىلھام توختىنىڭ نورمال خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭغا كەلگەن ئاۋارىچىلىقتىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەشۋىقات باشقارمىسى، ئىلھام توختى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا ئىككىلىنىش ئىچىدە جاۋاب بەردى.

بىز ئىلھام توختى ئىشلەۋاتقان، ئىقتىساد فاكۇلتېتىدىن ئەھۋال ئىگىلىگىنىمىزدە، ئەھۋالنى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ قوغداش بۆلۈمىدىن سورىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. قوغداش بۆلۈمى ئىلھام توختىنى نەزەربەند ئاستىغا ئالمىغانلىقىنى بىلدۈردى. يەنە غەيرىي رەسمىي مەنبەلەردىن بىرى، ئىلھام توختىنىڭ مەكتەپ قوغداش بۆلۈمى تەرىپىدىن ئەمەس، دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

خىزمەتداشلىرىدىن بىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىلھام توختى يەكشەنبە كۈنى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز پائالىيىتىگە قاتناشقان، ئەمما ئىلھامنىڭ بېشىغا قانداق ئاۋارىچىلىق كەلگەنلىكى، بۇ خىزمەتدېشىغىمۇ نامەلۇم ۋە ياكى ئۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىشقا جۈرئەتسىز.

گەرچە مەكتەپ مەسئۇللىرى ئىلھام توختىنىڭ نەزەربەند ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، ئىلھام توختىنىڭ 12 مارت كۈنى "سىناكوم" تور بېتىدە ئېلان قىلغان تەسىرات خاتىرىسى ئۇنىڭ نەزەربەند ئاستىدا ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. ئۇ مەزكۇر خاتىرىسىدە ئۆز ئەھۋال ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: " مەن ناھايىتى ئېغىر تەھدىت ۋە بېسىملارغا دۇچ كېلىۋاتىمەن.... بىر مەزگىل سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدىم .... سەپداشلىرىمنىڭ مېنى توغرا چۈشىنىشىنى ۋە پائالىيىتىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن."

ئىلھام توختى مەزكۇر خاتىرىسىدە يەنە ھاياتىدا قانۇنغا خىلاپ ھېچقانداق خاتالىق ئۆتكۈزمىگەنلىكىنى، خىتاي دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتى ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدەنگەنلىكىنى ۋە پىكىر بايان قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ بەزىلەر تەرىپىدىن خاتا تەرەپكە بۇرۇلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋە دوستلىرىنى مەزكۇر يولدا تەۋرەنمەسلىككە چاقىرغان.

" ئۇيغۇربىز" تور بېتىنىڭ تاقىلىشى نۆۋەتتە ۋەتەن ئىچىدىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا؛ ئىلھام توختىنىڭ قەلىمىنىڭ توختاپ قېلىشى بولسا، ئۇنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ھەققىدە ئەندىشە پەيدا قىلماقتا.

ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇر توربەتلىرىدىن بىرىدە "ئۇيغۇر بىز" تور بېتى ھەققىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: " 'ئۇيغۇربىز' تورى ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرۈۋاتقان بىر تور. 'ئۇيغۇربىز' تورى مىللەتلەر ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بىر تور، مەن بۇ تورنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قايتا ئېچىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن."

ئىنكاسلاردىن بىرىدە ئىلھام توختى ھەققىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: "ئىلھام توختى، زىيالىي دېگەن سۆزگە ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئېنىقلىما بېرەلىگەن، ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر ئوت يۈرەك ئوغلانى، ئۇ يېتۈك ئىقتىسادشۇناس، قانۇنشۇناس ۋە مائارىپچى، دۆلەت ئۇيغۇر خەلقى سۆيىدىغان كىشىلەرنى جازالاپ، ئۇيغۇر خەلقى يىرگىنىدىغان كىشىلەرنى مۇكاپاتلاش ئەنئەنىسىگە خاتىمە بېرىشى كېرەك."

ئىككى كۈندىن بېرى ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىكى ئىنكاسلاردا ئومۇميۈزلۈك ھالدا، ئۇيغۇربىز تورىنىڭ قايتا ئېچىلىشى ۋە ئىلھام توختىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ھەققىدىكى تىلەك ۋە ئارزۇلار بايان قىلىنغان.

بىز بۈگۈن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىكى بۇ ئەندىشىنى فرانسىيىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا مەلۇم قىلىپ، فرانسىيە تەرەپنىڭ ئەھۋالدىن خەۋىرى بار - يوقلۇقىنى سورىدۇق ۋە تور بەتنىڭ تاقىلىشى ۋە ئىلھامنىڭ نەزەربەنت ئاستىغا ئېلىنىشىنىڭ ئۇنىڭ فرانسىيە زىيارىتىدىن كېيىن يۈزبەرگەنلىكىنى ئەسكەرتتۇق. ئەلچىخانىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، بۇ ئەھۋالدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى، بۇ ھەقتە سوئالىمىز بولسا، فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ يىراق شەرق بۆلۈمىگە تېلېفون قىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.

فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىمۇ ئەھۋالدىن خەۋەرسىزلىكىنى، بۇ ھەقتە ئەمدى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ۋە بىرقانچە كۈن ئىچىدە ئىلھام توختىنىڭ ئەھۋالىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتىدىن بىزنى خەۋەردار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، يۇقىرىدا بىز سىلەرگە "ئۇيغۇر بىز" تورىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تاقىۋېتىلگەنلىكى ۋە ئىلھام توختىنىڭ نەزەربەنت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەر بەردۇق.