ئىلھام توختى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بېيجىڭ ۋاكالەتخانىسىدا سۆز قىلدى

مەركىزى مىللەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، " ئۇيغۇرلار سەپتە " ناملىق تور بېتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى، ئىقتىسادشۇناس ئىلھام توختى ئەپەندى، ئۆتكەن ئاينىڭ 20 ‏- كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بېيجىڭدىكى ۋاكالەتخانىسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە لىكسىيە سۆزلىگەن.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2008.12.12
Uyghurbiz-torbet1-305 ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ، ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﻰ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﯩﺪﯨﻜﻰ " ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺗﻮﺭﺩﺍ " ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺑﻪﺕ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
www.uighurbiz.cn

ئىلھام توختى ئەپەندى لىكسىيە سۆزلەش يىغىنىغا ھۆكۈمەت ياكى مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئەمەس، بەلكى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بېيجىڭدىكى ۋاكالەتخانىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن مۇستەقىل تەتقىقاتچى سۈپىتىدە قاتناشقان.

ئىلھام توختى ئەپەندى ئەسلىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ساھەلىرى بۇيىچە 10 تېمىدا پىكىر بايان قىلماقچى بولغان، لىكسىيە جەريانىدا سورالغان كۈتۈلمىگەن سوئاللار سەۋەبلىك پەقەت 4 تېمىدىلا پىكرىنى بايان قىلغان.

ئىلھام توختى ئەپەندى لېكسىيىسىنىڭ بۇندىن كېيىن داۋام قىلىدىغانلىقىنى، لېكسىيىسى تاماملانغاندىن كېيىن، كۆپچىلىكنى يىغىننىڭ تەپسىلاتىدىن تولۇق خەۋەردار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلھام توختى ئەپەندى سۆھبىتىمىز داۋامىدا يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە ھەر قايسى ساھەلەردە ھەر خىل مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ، بولۇپمۇ زىيالىيلارنىڭ بۇ مەسىلىدە مەسئۇلىيەتنى ھۆكۈمەتكە ئارتىپ قويماسلىقى كېرەكلىكىنى، جۇڭگونىڭ قانۇنلىرىدا بەلگىلەنگەن ھەق - ھوقۇقلىرىنى بىلىشى ۋە ئۇنى ئىشلىتىش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.