ئىلھام توختى: ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ئورنى تۆۋەنلىمەكتە

مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندى، خىتاي كومپارتىيىسى 18 – قۇرۇلتىيىدىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ئورنىنىڭ بارغانسېرى تۆۋەنلەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

0:00 / 0:00

سۆھبەت جەريانىدا ئىلھام توختى 18 - قۇرۇلتايدىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى ئۆزگۈرۈشلەر ھەققىدە پەرەزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرلىكتە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ھەققىدە توختالدى.